مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش لازىم

___ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2020.11.19 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم − ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىشتۇر، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاجلانمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ كونكرېت ۋاقىت جەدىۋىلىنى تۈزۈشى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

  نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، بىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش − ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋېلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىغا يۈزلىنىپ، زىياندىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. بۇلار بىز يېڭى مۇساپە داۋامىدا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم چوڭقۇر ئىگىلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم ۋە مېتودولوگىيە پىرىنسىپىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ