مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

تېخىمۇ كۆپ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش لازىم

2020.11.19 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە مەملىكەت بويىچە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 17-نويابىردىن 18-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىدىكى كادىرلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار قاتارلىق دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ «بەش پېشقەدەملەر» پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچتۇر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، «بەش پېشقەدەملەر»نى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك كەڭ سەھنىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ