مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كۆزنەك باشقىلارغا توسالغۇ پەيدا قىلسا قانداق بولىدۇ؟

2020.11.23 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىر نەچچە ئىشچى ئەمگەك تالاش-تارتىشى تۈپەيلىدىن گۈيياڭ شەھىرى خۇاشى رايونلۇق ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەرز قىلىش كۆزنىكىگە ئىككى قېتىم بېرىپ مەسلىھەت سورغان ھەمدە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان، كۆزنەك خىزمەتچىلىرى تەپسىلىي سورىمىغان ۋە تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، «سىلەر ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە تەۋە»، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنى ئىزدەڭلار»، «كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىڭلار»، «سوتقا ئەرز قىلىڭلار» دېگەن جاۋابلارنى بەرگەن. نەق مەيداندىكى مۇخبىر سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ئىشچىلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئەھۋالنى سوراپ، خاتىرە قالدۇغان ھەمدە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن.

  ئەسلىدە ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، پۇقرالارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكى بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئايرىم خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىشى بىلەن ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىغا توسالغۇ پەيدا قىلدى. بۇ ناتوغرا شامال ئۇلغىيىپ كەتسە بولمايدۇ، ئۇنى چوقۇم تۈزىتىش كېرەك! پۇقرالارنىڭ مەخسۇس ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆزنىكىگە بېرىپ مەسلىھەت سورىشى كۆپ ھاللاردا جانىجان مەنپەئەتىگە، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردۇر. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىدە كىچىك ئىش يوق، بۇنداق مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىشقا قارىتا، كۆزنەكتە كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل خادىملار تېخىمۇ ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ھەرگىز ئۇنى كىچىك ئىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

  «تۇنجى سورىغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى» ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكىدە يولغا قويۇلغان كۆپ يىلدىن بۇيان، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتەك ئىجابىي رولى جارى قىلدۇرۇلدى. لېكىن «ئىشىكتىن كىرىش تەس بولۇش»، «ئادەم تېپىش تەس بولۇش»، «يۈزىنى داپتەك قىلىۋېلىش»، «ئىشنى بېجىرىش تەس بولۇش» ھادىسىسى بەزى جايلاردا يەنىلا مەۋجۇت. ئايرىم كۆزنەكتىكى مۇلازىمەت خادىملىرى يەنىلا ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىغا كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئىشنى باشقىلارغا ئىتتىرمەكتە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ جىسمى ئىش ئورنىغا كەلگەن بىلەن، كۆڭلى تېخى ئەگىشىپ كەلمىدى.

  كۆزنەككە كەلگەن ئاممىنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىق سەۋەبلىك كەلگەن، كۆزنەك خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەل ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، ھەرگىزمۇ قىيىنچىلىق بىلەن بىللە تۇرۇپ ئاممىنى تەڭلىكتە قويۇش ئەمەس. ئامما ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلغىلى بولىدىغان تەلەپلەرنى كەينىگە سۈرمەسلىك، دەرھال ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلارنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش كېرەك، مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى زىيارەتكە كەلگەن ئاممىغا ئېيتىپ بېرىش لازىم، ھەم ياخشى ئاڭلىغۇچى، ھەم ياخشى چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، ئاممىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ سىياسەتنى پارچىلاپ ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەسىلىنى ئېلىپ كېلىپ، چۈشىنىپ مېڭىشىغا تىرىشىش كېرەك.

  كۆزنەك خىزمەتچىلىرى يەنە بۇ كۆزنەكنى تىرىشىپ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى چۈشىنىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش سۇپىسى قىلىشى كېرەك. كۆزنەككە كەلگەن ئامما ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ خىل، بۇنىڭ ھەممىسىنى يىغقاندا، پۇقرالارنىڭ ھال-ئەھۋالى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولىدۇ، مەسىلىلەرنىڭ كۆرسەتكىنى دەل ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يۆنىلىشىدۇر. بۇ مەسىلىلەر كىچىككىنە ئازايسا، خەلق تۇرمۇشى بىر مۇنچە ياخشىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ