مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020.11.19 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛ كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال، نۇقتىلىق ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ «ئالاقە تورى + ساياھەت»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلدى؛ خەۋپ-خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش، سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى؛ كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال، نۇقتىلىق ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ «ئالاقە تورى + ساياھەت»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تەدبىرلەرنى بېكىتتى؛ خەۋپ-خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش، سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېقىندا ئىمزالىغان رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇ ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇش __ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. يىغىن ئالاقىدار تارماقلاردىن كېلىشىمدە بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋەدىنى بالدۇر نەقلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى ئۆزئارا كېڭەيتىش داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي موتور. بۇ يىل، ئىستېمال يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى، نورمال ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال، نۇقتىلىق ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىش كېرەك. بىرىنچى، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. جايلارنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، نومۇر تاختىسى كۆرسەتكۈچى بېرىشنى كۆپەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنى 3.5 توننىلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يۈك ئاپتوموبىلى، قويۇپ بېرىش مىقدارى 1.6 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغان يېزا ئاھالىلىرىگە، دۆلەتنىڭ 3-باسقۇچلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ئاپتوموبىلنى شاللىغان ھەم يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئاھالىلەرگە تولۇقلىما بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، زەرەتلەش تۈۋرۈكى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئۆي بېزەكلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار جايلارنى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى شاللىۋېتىپ، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، مۇھىت ئاسرايدىغان ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالغانلارغا تولۇقلىما بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنى قورۇمىلارنى بېيىتىپ، ياخشىلاپ، تور ۋە تور سىرتىدا تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك خاس ئوزۇقلىنىشنى كېڭەيتىشنى قوللاش كېرەك. تۆتىنچى، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-بازار ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى تۇتقا قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-بازار سودا ئەسلىھەسى ۋە كەنتكە بارىدىغان ئەشيا ئوبوروت بېكىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەۋقە يېزا-كەنت، دېھقانلارغا يېقىنلىشىشقا قويۇلغان تۇرمۇش ئىستېمال مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا «ئالاقە تورى + ساياھەت»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلدى. بىرىنچى، ئاقىل ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇشنى قوللاپ، ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە، ئاۋازلىق زىيارەت يېتەكچىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خاس مەنزىرە رايونى رەقەملىك كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، يول، ساياھەت ھاجەتخانىسى قاتارلىق رەقەملەشكەن قۇرۇلۇشلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، مەنزىرە رايونلىرىنى توردىكى ماركېتىڭ سالمىقىنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇلۇت ساياھىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئالاقە تورى+ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىش كېرەك. ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئۈچۈن تور سىرتىدىكى مۇلازىمەتنى ساقلاپ قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتنى بىخەتەر كۆزىتىش ۋە توردا ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىشقا زەربە بېرىش كېرەك.

  سۇ ئامبىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز 72 مىڭغا يېقىن خەۋپ-خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەرلىكنىڭ تەۋەلىك باشقۇرۇش ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ياردەم مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ مەبلىغى ۋە ئەلئارا سېلىنمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ھازىر بار بولغان خەۋپ-خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرىنى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن خەتىرىنى تۈگىتىپ، مۇستەھكەملەشنى تاماملاش ھەمدە يېڭى بايقالغان خەۋپ-خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرىنىڭ ۋاقتىدا خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ئەسلىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇپ، دائىملاشقان باشقۇرۇش-ئاسراش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ ئامبىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشى، خەلققە بەخت يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ