مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سىنلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، ئۈنۈملۈكلىكى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، ھاياتىي كۈچنى تېخىمۇ زور جانلاندۇرۇپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى، سىجىل ئېشىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

خەن جېڭ قاتناشتى

2020.11.23 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، دۆلەتنىڭ بۇ يىلقى ماكرولۇق سىياسىتى ۋە كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى، جايلارنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ پەسىلمۇ پەسىل مۇقىم ياخشىلانغانلىقىنى بىردەك ئىنكاس قىلدى. كۆپچىلىك يەنە ئۆز جايىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىش ئۈستىدە توختالدى ھەمدە دۆلەت سىياسىتى قاتارلىقلارغا تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل غايەت زور خىرىسقا يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادتا بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك مۇسبەت ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بۇ − يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتى ۋاقتىدا، كەسكىن، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق بولۇپ، مۇۋاپىق سىياسەت سالمىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۈنۈمدۇر. جايلار سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچ چىقاردى، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، مۇۋاپىق دائىرىگە قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، مەركەز، جايلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، ناھايىتى زور ئېنىقسىزلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتنى پىلانلاپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك. سىياسەت سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، سىياسەت قورالىنى تاللاپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان تەجرىبىلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش، بۇ يىل ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسەتتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى داۋاملىق بازار سۇبيېكتلىرىغا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا يۈزلەندۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقنى دەل جايىغا ئىشلىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم بولسىلا ئىستېمال بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىپ نورمال ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، كۆپ قاتلاملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي سېلىنمىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سىياسەتنى ۋاقتىدا ياخشىلاپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. نەچچە يۈز مىليون بازار سۇبيېكتى − مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى، خەلق ئاممىسى ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جايلارمۇ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنى دادىللىق بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭى بازار سۇبيېكتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ھاسىل قىلغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقىدار قائىدە ۋە قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ