مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ رۇسىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى بېلوئۇسوف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.11.19 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ 17-نويابىر رۇسىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى، كومىتېتنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى بېلوئۇسوف بىلەن سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى خۇلاسىلىدى ۋە رەتلەپ چىقتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى باشتىن-ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن تۆت قېتىم تېلېفونلىشىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ