مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ قار يىلپىزى كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىشتە مەغلۇپ بولۇپ، ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە تۆۋەنلىتىلدى

2020.11.23 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، ئا دەرىجىلىك مۇسابىقە دەرىجىسىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا، شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسى 11-ئايدىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدىكى ئاجىز ئارقا سەپ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆز يېشىغا ئايلاندۇردى

  ___ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى دەرىجىنى ساقلاپ قېلىش مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە مۇسابىقىسىدە خېيلوڭجياڭغا تەڭ كېلەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە تۆۋەنلىتىلدى.

  2014-يىلى، شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى خۇبېي خۇاكەير پۇتبول كۇلۇبىدىن كۇلۇبنىڭ ئەسلىدىكى ئادەملىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا باشلىدى. بەش مۇسابىقە پەسلىدىكى چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، خۇبېيدىن كەلگەن پۇتبولچىلار ئاستا-ئاستا بۇ كوماندىدىن چېكىنىپ چىقتى. شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسىنىڭ ياش توپچىلىرىدىن نەن شياۋخېڭ، ئابدۇخەمىت، دىلمۇرات قاتارلىقلار شىنجاڭ قار يىلپىزى كوماندىسى بەرپا قىلغان سۇپىسىدا باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن يۆتكىلىش ئارقىلىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كىردى. ئابدۇخەمىت ۋە دىلمۇرات بىر مەھەل دۆلەت يىغىپ تەربىيەلەش ئەترىتىگە تاللاندى. ئابدۇخەمىت جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىسىدە، جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىدىكى ئاساسلىق توپچى بولۇپ، كوماندىغا ئەگىشىپ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە جەملىمە نومۇرى ئارقىدىن بىرىنچى بولغان شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسى ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە چۈشۈرۈلدى. 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، جېجياڭ يىتېڭ بازىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمى قوشۇلمىغانلىقتىن، ب دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى. زاپاس ئورۇندىكى شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كۇلۇبى 2019-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ دەرىجىسىنى ساقلاپ قېلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 2020-يىللىق مۇسابىقە مەزگىلىدە، غايەت زور مەبلەغ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى پۈتۈنلەي جۇڭگولۇق ماھىرلار قوشۇنى بىلەن يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم كۇلۇبنىڭ ئانا شىركىتى ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-زېمىن پاي چەكلىك شىركىتىنى تېخىمۇ جىددىي ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويدى.

  جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقە تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىرىنچى باسقۇچتا شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈنلەي جۇڭگولۇق ماھىرلار بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، يەتتە مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجە بىلەن ئەڭ ئارقىدا تۇرۇپ، دەرىجىنى ساقلاپ قېلىش رايونىغا كىردى. ئىككىنچى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئىككى نەپەر چەت ئەللىك ماھىرنى كىرگۈزدى. ئەسلىدە 2-باسقۇچتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى مۇددەتتىن بۇرۇن دەرىجىسىنى ساقلاپ قالالايتتى. لېكىن شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسى باشلىنىشتا ئىككى توپ ئالدىدا تۇرغان پايدىلىق ۋەزىيەت ئاستىدا، ۋاقىت تولۇقلاش باسقۇچىدا شېنياڭ شەھەر كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى توپنى كىرگۈزۈشى بىلەن، دەرىجە ساقلاپ قېلىش قوشۇمچە مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى.

  ئىككى قېتىملىق دەرىجىنى ساقلاپ قېلىش قوشۇمچە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ۋاڭ خاۋجىنىڭ ياردىمىدە ئونۇئېب باش توپ كىرگۈزۈپ، ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى. ئارقىدىن ئونۇئېب يەنە بىر قېتىم ۋاراتاغا توپ ئۇردى، دانىيار ۋاراتا ئالدىدا تولۇقلاپ تېپىپ كىرگۈزۈپ، كوماندا 2:0 نەتىجىگە ئېرىشتى، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى نومۇر 3:2 بولدى.

  بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئەگەر ئىككىنچى باسقۇچتا بىر مەيدان تەڭلىشىپ قالغان بولسا، دەرىجىسىنى ساقلاپ قالالايتتى. مۇسابىقىمۇ دەسلەپتە بۇ ياخشى ۋەزىيەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغان ئىدى.

  مۇسابىقە باشلىنىپ 30 سېكونت بولغاندا، ئونۇئېب توپ كىرگۈزۈپ، ئارزۇدىكىدەك باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، خېيلۇڭجياڭ كوماندىسى ناھايىتى تېزلا ئىككى توپ ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى بىلەن تەڭلەشتى. شىنجاڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭ نۇقتا توپ ئۇرۇشىغا كىردى، شىنجاڭ 3:5 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە تەڭ كېلەلمەي، ئاخىرى دەرىجىسى چۈشۈرۈلدى.

  جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئومۇميۈزلۈك ئانا كارخانىلارنىڭ قان بېرىشى شەكلىدىكى تەرەققىياتقا تايىنىدىغان چوڭ مۇھىتتا، شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا بىر نەچچە يىل چىڭ تۇردى ھەمدە بىر قېتىم پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى زومىگەر گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشتەك مۆجىزىنى ياراتتى.

  كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تيانشان قار يىلپىزى كوماندىسى جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى بەلكىم ياش توپچىلارنى تەربىيەلەۋاتقان بۇ تۆۋەن تەننەرخلىق كۇلۇب ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ماس كېلىدىغان سۇپا بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ