شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى

2020.11.23 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدىكى قارىشىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  ■ سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئەۋرىشىملىككە ئىگە كېلەچەك بەرپا قىلىش __ يەر شارىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، بىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىمىز لازىم. بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺗﻪﯕﭙﯘڭ بولغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ياخشى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ■ جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى پات ئارىدا مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا 700 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىغا قوشقان تۆھپىسى %70 تىن ئاشتى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن يىراق تۇرىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدىكى قارىشىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئەۋرىشىملىككە ئىگە كېلەچەك بەرپا قىلىش __ يەر شارىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، بىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىمىز لازىم.

  بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر بىلەن تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم.

  ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺗﻪﯕﭙﯘڭ بولغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش؛ ھەم قەرزنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زۆرۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  ئۈچىنچى، ياخشى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. تاموژنا بېجى ۋە غەيرىي تاموژنا بېجى توسۇقلىرىنى ئازايتىپ، سودا ئارقىلىق نامراتلىقنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى چوڭ بازىرىغا تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. رەقەملىك نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئاياللار، ياشلار قاتارلىق ئاجىز توپلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پۇرسىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەمىنلەش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى پات ئارىدا مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا 700 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىغا قوشقان تۆھپىسى %70 تىن ئاشتى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن يىراق تۇرىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنى تۈگىتىشىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ھاڭنى كىچىكلىتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئاياللار ۋە ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  باشلىقلار يىغىنىدا، «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىياد باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ