شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى رىياد يىغىنىنىڭ «يەر شارىنى قوغداش» تېمىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى

2020.11.23 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  22-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رىياد باشلىقلار يىغىنىنىڭ «يەر شارىنى قوغداش» تېمىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  ■ يەر شارى بىزنىڭ ئورتاق ئائىلىمىز. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات، مۇھىت ساھەسىدىكى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، بۇ كۆك رەڭلىك سەييارىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ■ ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-نويابىر 20 دۆلەت گۇرۇھى رىياد باشلىقلار يىغىنىنىڭ «يەر شارىنى قوغداش» تېمىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر شارى بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات، مۇھىت ساھەسىدىكى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، بۇ كۆك رەڭلىك سەييارىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.بىرىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كاربون تۆت ئوكسىدنى قويۇپ بېرىشنىڭ چوقا قىممىتىنى 2030-يىلىدىن ئىلگىرى يېتىشكە تىرىشىپ، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  ئىككىنچى، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە ئېنېرگىيەنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى قوللاپ، ھەممە ئادەمنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە نىشانىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەرنىڭ چېكىنىشىنى يېنىكلىتىش، مارجان خادا تاشلىرىنى قوغداش، دېڭىز-ئوكيان سۇلياۋ ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان يەر شارى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېلەر يىلى 5-ئايدا كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىدۇ. يىغىننىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش نىشانىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە پاكىز، گۈزەل دۇنيانى قۇرايلى! (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ