مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش لازىم

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.11.20 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  ئىدىيە − ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، نەزەرىيە − ئەمەلىيەتنىڭ قىبلىنامىسى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىدىيەۋى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا ي100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، «11دە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئومۇمىيەتنى ئىگىلىگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، ھەقىقىي خەلقچىللىق مۇھەببەت نامايان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر. بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى زور، ئەھمىيىتى زور، ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىشتۇر.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئىلگىرى سۈردى. بۇ جەرياندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزمۇنى مول، ئىلمىي، سىستېمىلىق ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تارىخ بىلەن رېئاللىق تۇتىشىش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچى باغلىنىش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىش ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى، بۇنىڭ تۈپ نېگىزى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدۇر.

  شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، بايانلىرى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەرىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇپەسسەل يىغىنچاقلىغان «11دە چىڭ تۇرۇش»: پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش؛ قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ «11 دە چىڭ تۇرۇش» − ھەم مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەم زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  بارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ توغرا يېتەكلىشىگە موھتاج. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، مۇھىم ئورنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور مۇناسىۋىتى، مۇھىم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەممىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ