مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈلگىسى بولۇش لازىم

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.08.26 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى توغرا يىغىنچاقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پىرىنسىپال، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يەنە بىر زور نەتىجىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «بەشنى چىڭ تۇتۇش»نىڭ ئاساسىي تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «بەشنى چىڭ تۇتۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك.

  «بەشنى چىڭ تۇتۇش»نى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بەشنى چىڭ تۇتۇش»نىڭ مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ۋەزىپىسى كونكرېت، تەلىپى ئېنىق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا چۈشىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ «بەشنى چىڭ تۇتۇش»نى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.

  رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك

  پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش شەرت. سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش تەلىپىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي-قانۇن سېپىدىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىياسىي- قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى، سىياسىي- قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى دەۋر كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىغا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى، سىياسىي سەۋىيەسى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى، كەسپىي ئىقتىدارىنى يېڭى دەۋرگە يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ