مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېھىر-مۇھەببەت ئائىلىدە تارالسۇن

2020.08.26 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئاپتورنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرە سىڭلىسىدىكى ئۆزگىرىش كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئۇ بىر «ئاتا-ئانىسىغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى»نى تەپسىلىي تۈزۈپ چىقتى. پىلان بويىچە ئۇ تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى ئوخشىمايدىغان بىر ۋاق مول قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق تەييارلىدى، ئاتا-ئانىسى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشقا ماڭدى؛ توردىكى سىنغا ئەگىشىپ مۈرە، بويۇننى ئۇۋۇلاشنى ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى ئاپىسىنى ئۇۋۇلاپ قويۇشنى داۋاملاشتۇردى؛ ئۇ يەنە ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆينىڭ ئىشىك تۇتقۇچىغا لۆڭگە باغلاپ قويدى. سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ دادىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ بەك جاپالىق ئىكەنلىكىنى، چۈشتە بىردەم ئۇخلىۋالىدىغانلىقىنى، ئىشىكنى ئاچقاندا ئىشىك تۇتقۇچىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن تامغا سوقۇلۇپ ئۈنلۈك ئاۋاز چىقىرىپ، دادىسىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى...

  ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ئامال ئىزدىشى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بالىنىڭ ئىش ئۇقىدىغان بولۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى بېقىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەنلىكىدىن بولۇپ، بىر ئائىلىدە بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەجرىنى قانچە چۈشەنسە، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇنچە چۈشىنىدۇ.

  پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى چۈشىنىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلە ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغان ھالىتىنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك. ئۇلار بەلكىم ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان دوختۇرخانىلاردا ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، ھارغىنىدىن يەردىلا ئۇخلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن؛ ياكى ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئالدىراش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن كېچىچە جاپالىق دەرس تەييارلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ۋاراڭ-چۇرۇڭ سېخلاردا، تىنجىق كوچىدا، تار كابىنكىلاردا، بەلكىم ئاتا- ئانىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بولۇشى مۇمكىن. ئائىلە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۇرمۇشتىكى ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئادەتلىنىپ، پەرزەنتلىرىنى مەڭگۈ ئارقىسىدا قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئەڭ ياخشىسىنى بالىلارغا قالدۇرۇپ، ئەڭ كۈچلۈك تەرىپىنى بالىلارغا نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن پەرزەنتلەرمۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاسرىشىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بەدەل تۆلىگىنىگە تېخىمۇ رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك.

  ئاتا-ئانىسىدىن مىننەتدار بولۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىش كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئوقۇشنى ئەستايىدىل تاماملاش كېرەك. ياخشى بولغان دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاتا- ئانىسىنى ئارتۇقچە غەم قىلدۇرماسلىق كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ، قۇربى يېتىدىغان ئۆي ئىشلىرى قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن، تازىلىق قىلىش، ئۆي رەتلەش دېگەندەك. ئەگەر يەنە ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچى بولسا، تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، مەسىلەن، قۇۋۋەتلىك تاماق تىزىملىكى تۈزۈپ، تەتىل ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆكتات سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىپ، ئاتا-ئانىسىنى ئۆيگە قايتقاندا ئىسسىق تاماقلارنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا بولىدۇ؛ ھەر ۋاقىت ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، پەسىل ئالماشقاندا ئاتا-ئانىسىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ... ئىشلار كىچىك بولسىمۇ بولىدۇ، تېخىمۇ ئەستايىدىل بولسا، ھەرقانچە كىچىك كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئاتا-ئانىلارنى خۇشال قىلالايدۇ.

  ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ۋە مەدەنىيەت گېنى. ئاتا-ئانىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش – ۋاپادارلىق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان كىشىلىك تۇرمۇش ئېڭى. بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ئاتا- ئانىمىزنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن چوڭ بولدۇق، ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھالىغا يېتىش، ئاتا- ئانىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش − ئۆز زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتۇر. ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئەجرىنى چۈشىنىپ، ۋاپادارلىقنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئىللىق قىلىپ، مېھىر-مۇھەببەتنى ئائىلىدە تارىتايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ