شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئاخىرقى ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي تاماملاش كېرەك

2020.08.21 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇيدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتقا ۋاكالىتەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك تەشكىللەپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ كېيىنكى ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي ئورۇنداش كېرەك.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئىشتاب بۆلۈمى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، ئەنخۇي ئۆلكىسى ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەنخۇي ئۆلكىسى باش ئەترىتى ئايرىم-ئايرىم ئارمىيەنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرىپ، 19-ئاۋغۇستقىچە ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە جەمئىي بىر مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەسكەر ئاجرىتىپ، 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرى تەشكىللەپ، 17 ئۆلكىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇپ، 170 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى يۆتكەپ ۋە 3900دىن ئارتۇق يار ئېلىپ كەتكەن جاينى ئېتىپ، 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق توسمىنى مۇستەھكەملەپ، 350 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى رېمونت قىلىپ راۋانلاشتۇرغان.

  شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تەرەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى، ئارمىيەمىز ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ باسقۇچلۇق زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەرگە يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەپ، زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار يەرلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە كەلكۈن ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەسكەرلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا توغرا ئىشلىتىشى كېرەك. ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان قىسىم ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. قىسىملارنى قاتتىق تەربىيەلەپ ۋە باشقۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇن، مەدەنىي قوشۇن بولۇشتەك ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئارمىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ قىلىش روھى، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ئارمىيە-خەلق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيەتتە سىنىدى، بىز ياخشى خۇلاسىلەپ، ھەر قېتىملىق جەڭدە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش-ئىزلار بارلىققا كەلدى، بۇ جانلىق ماتېرىيالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇشقا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا يېڭەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلىك بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ