مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ۋەكىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى خاتا سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى

2020.08.26 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 24-ئاۋغۇست ئۆتكۈزگەن تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار سىنلىق ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى خاتا سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە قىلچە يېڭىلىق يوق، قىلچە ئاساسى يوق، ئىنتايىن بىمەنە. تېررورلۇق بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، تېررورچىلار ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ. جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرگىزمۇ دىن ياكى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. شىنجاڭ ئىلگىرى تېررورلۇق ۋە زوراۋان ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى، بۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قارارى، «ب د ت دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ۋە «زوراۋان ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىر قېتىممۇ يۈز بەرمىدى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ئۆمەك-گۇرۇپپىلىرى ئارقا -ئارقىدىن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارىدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاساسىي پاكىتقا كۆز يۇمۇشنى تاللاپ، يالغانچىلىق سەپسەتىسىنى تەكرارلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلىدى. بىز ئامېرىكىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشقا، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، جاھىل روھىي ھالەت ۋە قوش ئۆلچەمنى تاشلاپ، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. ئەگەر ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك، ئالدى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى ياخشى قوغداپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەنگلىيە يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىغا قارىغۇلارچە ئەگەشتى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى، جۇڭگو بۇنى رەت قىلىدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ سۆزىنىڭ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق بولۇپ، ئېغىر ساختىلىق ۋە قوش ئۆلچەمنى ئاشكارىلىدى. جۇڭگو ئەنگلىيەنى ئۆز مەسىلىسىگە توغرا قاراپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق ئاشكارا يىغىندا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تېررورلۇق تەھدىتى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چۆرىدەپ مەيدانىنى بايان قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ