مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان مەسلىھەتچىلىرى ۋە مەركىزىي مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2020.08.20 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان مەسلىھەتچىلىرىدىن جۇ گۇاڭياۋ، ۋاڭ جاۋشىڭ، گې جيەنپىڭ، ۋاڭ لىفاڭ، دەي چيۇڭخەي، لى ۋېي، جياۋ خۇڭچاڭ، ليۇ يى، ليۇ يۈەنلى، جۇ تۇڭ، دۇ يىڭفېن ۋە مەركىزىي مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن چېن لى، چېن شياۋمىڭ، سۇ شىشۇ، دۇڭ جېڭخې، ياڭ جىڭماۋ، شۈ شىخۇڭ، خې جيايىڭ قاتارلىقلارغا تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى.

  تەكلىپنامە تارقىتىلغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلەر تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مەدەنىيەت-تارىخ يۇرتى تەسىس قىلىش بولسا، پارتىيەمىزنىڭ بىرلىك سېپىنىڭ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنگىچە بولغان 70 يىللىق مۇساپىدە، مەسلىھەتچى ۋە تەتقىقات يۇرتى تەتقىقاتچىسى، دېگەن ۋەزىپىنى كۆپ قېتىم ئۈستىگە ئالغانلار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن، ھەمدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي ۋە دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن، پائال تۆھپىلەرنى قوشتى.

  لى كېچياڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەسلىھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنى تەبرىكلىدى ھەمدە تۆۋەندىكىدەك ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، بىرىنچى، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىش. تەرەققىيات بولسا، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچىدۇر. مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى، ھەمدە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى مول ۋە نەزەرىيە ساپاسى چوڭقۇر بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي نىشانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، كەلگۈسى تەرەققىيات ئاساسىنى ياخشى سېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ قاراتمىلىق ۋە ئالدىن كۆرەرلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش. تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشتۇر. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، ھەم يېتەرلىك ئەمەس، مەسلىھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇچرىشىش دائىرىسى كەڭ، ھەمدە ئۇلار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆپ ئاڭلىغان، شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، دىققەتنى چوقۇم داۋالاش، مائارىپ، كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئارزۇسىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىش. مەسلىھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي بىلىمى چوڭقۇر، ئاساسى پۇختا بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ كەسپ روھىدا چىڭ تۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارغا كەڭ دائىرىدە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە سىياسەت تەكلىپىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ