شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئەنخۇي بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2020.08.24 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، گۈزەل ئەنخۇي بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  8 - ئايدىكى چاڭجياڭ - خۇەيخې تۇپرىقى ئوتتەك قىزىپ كېتىدۇ. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن، ئۆلكە باشلىقى لى گويىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فۇياڭ، مائەنشەن، خېفېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپى، يېزىلار، كارخانىلار، ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلار قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى كۈچەيتىش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن فۇياڭ شەھىرىنىڭ فۇنەن ناھىيەسىدىكى ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسىگە كېلىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ھەم ۋاڭجيابا چۈشۈرگۈسىنى ئېچىپ كەلكۈننى بۆلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسىنىڭ مىڭ چاقىرىملىق خۇەيخې دەرياسىدىكى «بىرىنچى چۈشۈرگە» دېگەن نامى بار. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسى ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چۈشۈرگىنى ئېچىپ كەلكۈن سۈيىنى ساقلاپ، ۋاقىت سۈرۈپ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. ۋاڭجيابا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەش تارىخى ۋە خۇەيخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇەيخې دەرياسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق تىزگىنلەنگەن تۇنجى چوڭ دەريا. 70 يىلدىن بۇيان، خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئەستايىدىل پىلانلاش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يېقىن ئەتراپتىكى خۇڭلياڭ چامادان - سومكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، فۇنەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ مېڭۋا كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ ساۋجى بازىرى لىمىن كەنتىدىكى شىتيەنپو مەھەللىسىگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كەلكۈن سۈيى يانغاندىن كېيىن، مەھەللە ئەتراپىدىكى ئېتىزلار ئالدىراش مەنزىرىگە تولغانىدى، كەنت ئاھالىلىرى كۆلچەكتە ئالدىراش چيەنشى ئۈزۈۋاتاتتى، كەلكۈن سۈيى يانغان يەرلەردە كۆكتات تولۇقلاپ تېرىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئېتىز قىرىنى بويلاپ ئېتىزلىققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئىشلەۋاتقان يۇرتداشلاردىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جىددىي تولۇقلاپ تېرىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، كۈزدە يەنە ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇرتداشلارنى تەدرىجىي كۆچۈپ چىقىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىدىكى نوپۇسنىڭ قايتا كۆپەيمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ