خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ 3-قېتىملىق رەھبەرلەر سىن يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ۋە لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن، بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن، تايلاند زۇڭلىسى بايۈ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى سۇ سەۋەبىدىن بارلىققا كەلدى. لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى بويىدىكى ئالتە دۆلەت بىر دەريا سۈيىنى ئىچىدىغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن دېيىشكە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان دۇنيانى تۈزەش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم، تېخىمۇ ئاكتىپ رايون ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو مېخانىزمدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى مىكون دەرياسى مېخانىزمى ئورنىتىلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەمكارلىق تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش مەزگىلىدىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، رايون تەرەققىياتىغا يېڭى «مەنبە» قوشۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. بىز سۇ بايلىقى مېخانىزمى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋادىدىكى خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇردۇق. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگونىڭ مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوش تەرەپلىك سودىسى تەتۈر ئاشتى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈردۇق. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ