خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېببىي خادىملار سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، تېببىي خادىملار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ، كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، زور تۆھپە قوشۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېببىي خادىملار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقىنى قەدىرلەپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، تېببىي ئىستىلدا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تېبابەتچىلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ