مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خام چوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2020.08.21 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خام چوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)، 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا خام چوت قانۇنىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە خامچوت باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى نەتىجىلىرىنى قانۇن-نىزام شەكلى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مالىيە مەبلىغىنى تېجەشلىك بىلەن ئىشلىتىش ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «نىزام»دا جەمئىي 8 باب، 97 ماددا بار بولۇپ، خام چوت كىرىم-چىقىم دائىرىسى، خام چوتنى ئاشكارىلاش، يۆتكەپ چىقىم قىلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

  بىرىنچى، خامچوت كىرىم-چىقىم دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، خامچوتنى ئاشكارىلاش تەلىپىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «نىزام»دا يەنە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئىشلار، ئارتۇق كىرىم ۋە كەم كىرىمنى بىر تەرەپ قىلىش، مالىيە ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتىنىڭ دائىرىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بەلگىلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ