مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىجاد قىلىشىغا تايىنىپ، دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ۋە دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئۇلۇغ ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقايلى

2020.08.25 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ يوقلاشتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بىز دادىل بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە دادىل ئىشلەش جاسارىتىمىز، ھەمدە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن، يېڭى يول ۋە ياخشى يول ئېچىپ، «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن يەنە «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشىغا تايىنىپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ۋە دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئۇلۇغ ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقتى.

  دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن يەنە دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلۇغ ئەسەرلەر يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل ۋە تېز تەرەققىي قىلىشىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1987- يىلى مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن ئىدى: "بىز دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇ، ئىسلاھاتتا يەتمەكچى بولغان مەقسەتتۇر." دەۋرگە يېتىشىۋېلىش دېگىنىمىز، ئاساسلىقى دۇنيا ئىقتىسادىغا، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيەسى ۋە يۈزلىنىشىگە يېتىشىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بىز دۆلىتىمىز بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېزدىن كىچىكلىتىپ، ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى قالاقلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىز «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى.

  خەلق بولسا، ئۇلۇغ ھېكايىلەرنىڭ يازغۇچىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئامما ھەقىقىي قەھرىماندۇر. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، كۈرەش قىلىش روھى، ئىتتىپاقلىق روھى ۋە ئارزۇ قىلىش روھىغا ئىگە خەلقتۇر. خەلقنىڭ ھاللىق تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، خەلقنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشكە بولغان تەلىپى بولسا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ؛ خەلقنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق توپلىغان يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل-پاراسىتى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ تەدبىر ۋە چارىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى نۇرغۇن ئۇسۇللار خەلقنىڭ كەشپىياتى، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىجادىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى؛ خەلق بولسا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيەتچىسىدۇر. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەمەلىيىتىدۇر؛ خەلقنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشكە بولغان بىۋاسىتە تەسىراتى بولسا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى باھالايدىغان مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ قالدى، يەنى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگەن-يەتكۈزمىگەنلىكىگە قارىتا ۋە خەلقنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغان-بولمىغانلىقىغا قارىتا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى خەلقتە. دېمەك، خەلقنىڭ باھاسى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. خەلق بولسا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ سۇبيېكتى، شۇنداقلا ئۇلۇغ ھيكايىلەرنى يېزىپ چىققۇچى سۇبيېكتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ