مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىپ، يېڭى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش

يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم

2020.08.26 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئىقتىسادى ئاۋۋال تۆۋەنلەپ، كېيىن ئۆرلىدى، 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مەنپىي ئېشىشتىن مۇسبەت ئېشىشقا ئۆزگەردى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. بىز چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق يارىتىپ بېرىپ، يېڭى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش − نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، كەسكىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تەدبىر. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش − ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىدىن كېلىپ چىققان مەھسۇلات كەمچىللىكىنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق. يىراقتىن قارىغاندا، مۇۋاپىق ھالقىيدىغان يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۇڭا، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ھەم قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ھەرىكەت دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇش، ھەم 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ۋە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات شارائىتى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى − يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈك توپلاندى، لېكىن بۇ سۈپەتلىك مۈلۈكلەرنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەبلەغ سېلىش تەننەرخىنى قايتۇرۇۋالالىشى تەس، قەرز خەۋپ- خەتىرى چوڭىيىدۇ. قانداق قىلىپ بۇ ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ پىشاڭسىزلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر چوڭ قىيىن مەسىلە. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە فوندى (REITs) نىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، خەينەن، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا ئالدىن يولغا قويۇلۇش، ئالدىن سىناق قىلىنىشتىن ئىبارەت سىياسەت پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يەرلىكنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ساقلانغان مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى كەڭ قوزغاش، يەرلىكنىڭ قەرزىنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ