مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يازايلى

2020.08.26 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شېنجېننىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا راۋان، تېز ۋە ياخشى مېڭىشقا بولىدۇ.

  شېنجېن ئەگەر كەلگۈسىگە يۈزلەنمەكچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات رايۇنى بولۇشتىكى يۇقىرى ئورۇنغا، قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان شەھەر بولۇشقا، شەھەر مەدەنىيلىكىنىڭ ئۈلكىسى بولۇشقا، خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت بەلگىسى بولۇشقا ۋە سىجىلچان تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قاراپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى شەرت.

  ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە مىڭدىن ئارتۇق تۈردە مەملىكەت بويىچە «بىرىنچى» بولدى.

  تارىخ شېنجېننى تاللىدى، شېنجېنمۇ تارىخقا ماسلاشتى. ئىلگىرى «ئۈچ كۈندە بىر قەۋەت ئۆرلەش»تەك شېنجېن سۈرىتى بىلەن مۆجىزە ياراتقان شېنجىنلىقلار ئەمدىلىكتە «ئۈچ كۈندە بىر تۈرلۈك تۈزۈم بەرپا قىلىش» ۋە «بىر كۈندە 51 كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشىش» ھەققىدە پەخىرلىنىپ سۆزلەشمەكتە.

  بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا شېنجېننىڭمۇ يېڭى بۇرچى بار. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا باشلامچى بولۇپ مېڭىۋاتقان ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۆزى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، شېنجېنغا ئىككى قېتىم بېرىپ، ئۇ جاينى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇ قايغا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەمدە شېنجېن خىزمىتىگە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرغانلىقتىن، شېنجېننىڭ ئەمدىكى ئالغا ئىلگىرىلەش قەدەم ئاۋازى ئادەتتىن تاشقىرى جاراڭلىق بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، شېنجېن بۇنى يەنە بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى دەپ بىلىپ، ھەمدە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ يىلتىزىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، كۈچەش نوقتىسىنى ۋە سىستېمىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ماس ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئورنىغا قويۇشى كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان رايۇن، قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان شەھەر، شەھەر مەدەنىيلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت بەلگىسى ۋە سىجىلچان تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قاراپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، شېنجېندىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە رايوننىڭ «بۆسۈپ ئۆتۈشكە ۋە سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش»تەك بۇ روھىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشى زۆرۈر. ئەنە ئاۋۇ شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى موزاي باشلىق ھەيكەل ئۇژ باش چۆكۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە؛ شېنجېن مۇزېيىنىڭ كونا سارىيى ئالدىدىكى گىگانت ئادەم ھەيكىلىدىكى كىشى دەرۋازىنى كېرىپ ئېچىپ ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە سىناقلار بۇنىڭدىن كېيىن بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشىمىز ئېنىق. بۇنىڭ ئۈچۈن، ماھىرلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان شېنجىنلىقلار يەنىلا «قانلىق يولدىن بۆسۈپ چىقىش»تەك مەردانە جاسارىتى بىلەن يولنى داۋاملاشتۇرۇشى، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنى يەر شارى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى شەرت.

  40 يىلدىن بېرى گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ تۇرى، دەۋر ئېقىمى، دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسى ۋە تارىخنىڭ تاللىشى شېنجېن قولتۇقى بويىدا يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى. بوران-چاپقۇندا توسالغۇسىز ھالدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىسىلا، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسىلا، ھەمدە ئىسلاھاتنى داۋاملىق رەۋىشتە ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇ زور تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش ۋە يېڭى سەھىپە يارىتىشتا، شېنجېندا ئىشەنچ بار ۋە ئىقتىدار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ