مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋېغا ئاغزاكى خەت ئەۋەتتى

2020.08.24 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارىف ئالۋىغا ئاغزاكى خەت ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ئاغزاكى خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئالۋى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى پارتىيەلەر كېڭىشىش مېخانىزىمىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئالاھىدە دوستلۇققا ئىگە ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھلاردۇر. جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو- پاكىستان پارتىيەلىرىنىڭ دوستانە كېڭىشىشنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كارىدور قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش − يۇقۇمنى يېڭىشنىڭ توغرا يولىدۇر. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ