مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2020.08.26 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ھەم يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولىدۇ. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى كۆپ تەرەپلىمە ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپلەشمەكتە، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزدىن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە − زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش − ئېلىمىزنىڭ تەمىنات سىستېمىسى، ئېھتىياج سىستېمىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى تەمىنلەش سىستېمىسى، ئېھتىياج سىستېمىسىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، يۈكسەك ماسلىشىشچانلىق، يۈكسەك رىقابەت كۈچىگە ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىگە ئىگە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش − پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بالدۇر پەرقلەندۈرۈش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ- خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ كەلگۈچە تۇغان سېلىش تەلىپىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دەل جايىدا بومبا چۇۋۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ