مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 5- قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ سىن يىغىنىغا قاتناشتى

2020.08.20 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 19- چېسلا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 5- قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ سىن يىغىنىغا قاتناشتى.

  لى جەنشۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيادا يامرىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، سىن شەكلىدە بۇ قېتىمقى دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ۋە قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشلەنچىسىنى نامايان قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنى تەكىتلىدى. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل بولغان تەدبىرلەرنى قوللاندى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ئۇنى تېزگىنلەش ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ