مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىمغا يۈزلىنىپ، پاراخوتنى شامالغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن ھەيدەش لازىم

2020.08.26 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ۋەزىيەت ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، ۋەزىيەت يەنە ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى بېكىتىپ، تەرەققىيات يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ ۋە كەلگۈسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مىزانىدۇر.

  نۆۋەتتە، ئىچكى-تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىل. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقىلىپ، بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى، چوڭقۇر تەڭشەلگەن خەلقئارا ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، بىخەتەرلىك، سىياسىي ۋەزىيەت دۇنيانى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە ئېلىپ كىردى. يەنە دۆلەت ئىچىگە قارايدىغان بولساق، بىر تەرەپتىن تۈزەش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد ئۇزاققىچە ياخشىلاندى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە شارائىتى ئاز ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تەڭپۇڭسىزلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. مەيلى ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بولسۇن، شۇنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىز تېخىمۇ كۆپ تەتۈر شاماللىق، تەتۈر ئېقىملىق مۇھىتقا يۈزلىنىمىز، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  پۇرسەت كۆپ ھاللاردا خىرىس بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كىشىلەر دائىم خەتەر ئىچىدە پۇرسەت بار، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى دىئالېكتىك تونۇش ۋە ئىگىلەش لازىم، مەيلى قانچىلىك بوران-چاپقۇن، خەۋپ- خەتەر بولسۇن، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، شامالغا قارشى پاراخوت ھەيدەشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دۇنيا ئىقتىسادى دولقۇنىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى ياخشى باشقۇرۇش − پارتىيەمىز ئۈچۈن زور سىناق، شۇنداقلا پارتىيەمىز چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئېغىر ۋەزىپىدۇر. 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى − ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان تۇنجى بەش يىل بولۇپ، چوقۇم ياخشى باشلىشىمىز، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىلمىي يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى تەتقىق قىلىپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزىنى چوقۇم داۋاملىق يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ