مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېگى-تەكتىدىن كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2020.08.26 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش بولسا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە ھال-ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلق تۇرمۇشىغا ۋە ئەل رايىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەمدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر، ئۇ ھەم شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تۈپ مەقسىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالتە جەھەتتىكى 25 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە ئىككى يىل ئەتراپىدا قاتلاملار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان، شەھەر-يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان جۇڭگوچە ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2035- يىلىغا بارغاندا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي لايىھىسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىدۇر. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي ھالدا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىىنى تولۇق نامايان قىلدى. دېمەك، پارتىيەمىز خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلماقتا.

  خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق. نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، ھامان بىر قىسىم ئامما جىسمانىي، ئىقتىدارى جەھەتتىكى ياكى باشقا جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنداقلار قىيىنچىلىقتىن ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار بولسا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدۇر. شۇڭا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مەقسەت بولسا، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ياخشىلاش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.

  ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ دېگەندەك ئەمگەك ئىقتىدارى كەمچىل بولغان نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا، ئاساسىي تۇرمۇش ياردىمى بېرىش، مەخسۇس ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، جىددىي ۋە قىيىن ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىخەتەرلىك تورىنى توقۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، قەلبىنى ئىللىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ