شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2020.08.24 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خېفېيدا چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ كۆزلەپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چياڭ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ چىنجيەن، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چې جۈن، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى خې لىفېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتتى، نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش قۇتۇپى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىلىك رايونى، باشلامچىلىق بىلەن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان يېتەكچى رايون، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىكتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى چىڭ كۆزلىدى. ئىككىنچى، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق رايونلارنى چۆرىدەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلەتتى. ئۈچىنچى، ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش نەتىجىسى نامايان بولدى، يىرىك پىلان سىياسەت سىستېمىسىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلمىسى» دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، كۆپ قاتلاملىق خىزمەت مېخانىزمى ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى رولىنى جارى قىلدۇردى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ