مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىك تەپەككۇر بىلەن قاراش كېرەك

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.08.26 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «14- بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلى بولسا، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ۋە بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە دۆلىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتەك يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىز يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، شۇڭا، « 14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى ياخشى پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم .

  8- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىنىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ھەققىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىقا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ مەسلىھەت سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى پىلان تۈزۈش كېرەك. سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى خىرىسلارغا دىيالېكتىك تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى، ھەمدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  «14- بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىز يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ھۆكۈم ، شۇڭا ئۇنى چوقۇم چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. نۆۋەتتە، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. سىرتقا نەزەر سالساق، بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقىلىپ، بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى تېز ئۆزگەرتتى، خەلقئارانىڭ ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي تۈزۈم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەندىزىلىرى چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، دۇنيا ھازىر داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتقا يۈزلىنىدىغانلىقىمىزدىن، ھەمدە بىر قاتار يېڭى خەۋپ-خەتەرلەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ