باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

16 ياشلىق ئۆسمۈر جىددىي ئېقىنغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى

كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ئۇ يەنىلا ئىش بىلىدىغان، ۋاپادار ئاددىي بالا

2018.11.13 13:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەختىيار (سولدا) ياتاقتىكىلىرى بىلەن بىللە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى ئەلنى بېيىتىش مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بەختىيار ئىمام ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگەندىن كېيىن، مەكتىپىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتى... بەختىيارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇۋالغىنىغا تۆت ئايدىن ئېشىپ قالدى، «ئاپتونوم رايونلۇق ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى»غا ئېرىشكۈچى بۇ ئۆسمۈرنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا بۇرۇنقىدەك جىمجىت داۋاملاشماقتا ئىدى، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئىش ئۇقىدىغان، ۋاپادار ئاددىي بالا.

  16 ياشقا كىرگەن بەختىيار ھازىر بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى باغ-ئورمان كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىسى. ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان باشقا ئۈچ ياتاقدىشى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، كۆپچىلىكنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ ئىش-ئىزىنى بىلمەيتتى، پەقەتلا ئۇنىڭ ئىشچان، قىزغىن بالا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇق، ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتەتتى.

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، يازلىق تەتىل مەزگىلى ئىدى، چۈشتە پىژغىرىم ئاپتاپتا، تولۇقسىز 3-يىللىقنى پۈتكۈزگەن بەختىيار ۋە ئىنىسى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىغا ئوينىغىلى كەلدى، تۇيۇقسىز چىققان «قۇتقۇزۇڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاۋاز چىققان تەرەپتىكى يىراق بولمىغان جايدا ئىككى بالىنىڭ سۇدا بىر چۆكۈپ، بىر چىقىپ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە ياشقا چوڭراق قىز سۇدا جان تالىشىپ، قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىۋاتاتتى.بەختىيار تۆت ئەتراپقا قارىدى، لېكىن چوڭراق بىرەرسى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ تېزلىكتە كىيىمىنى سېلىپ سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئېقىپ كېتىۋاتقان بالىلار تەرەپكە قاراپ ئۈزدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن سۇ ئۈزۈشنى ئۇقىمەن، بىراق ئانچە ياخشى ئۈزەلمەيمەن، لېكىن شۇ ۋاقىتتا مەن چوقۇم سۇغا چۈشۈپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش كېرەك، دەپ ئويلىدىم، شۇڭا قورقۇشنىمۇ ئويلاپ كۆرمىدىم.»

  سۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھەم ئېقىنغا قارشى ئۈزۈۋاتاتتى. بەختىيار پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، ئۇنىڭغا يېقىن ئېقىپ كېلىۋاتقان كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ قېشىغا ئۈزۈپ باردى ۋە ئۇنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، كىچىك بالىغا ئۆزىنىڭ بوينىنى چىڭ تۇتۇشنى ئېيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرغاققا قاراپ ئۈزدى. بۇ ۋاقىتتا، قىرغاققا بىر نەچچە كىشىلەر يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بەختىيارغا ياردەملىشىپ بالىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى. بەختىيار يەنە كەينىگە قايتىپ، قىزچاق تەرەپكە قاراپ ئۈزدى. لېكىن سۇ تېز ئېقىۋاتقان ھەم ئارىلىق ئۇزىراپ كەتكەنىدى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇ قىزغا قاراپ ئۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قىزنى كۆزدىن يوقىتىپ قويدى، دەريانىڭ ئوتتۇرىغا ئۈزۈپ بارغان بەختىيارمۇ كۈچى خوراپ كېتىش سەۋەبلىك دەرياغا يەم بوپ كەتكىلى ئاز قالدى. «ئۇ قىز بالىغا يېتىشىۋالايلا دەپ قالغانىدىم!»، ئۇ قىزنى قۇتقۇزۇپ چىقالمىغان بەختىيار قىرغاققا چىقىپ يىغلاپ كەتتى.

  كىچىك ئوغۇل بالا توختىماي يىغلايتتى، قورقۇپ ھەم مۇزلاپ كەتكەنلىكتىن توختىماي تىترەيتتى. بەختىيار ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ: «قورقما ئۇكام» دەپ تەسەللىي بەردى. ئەتراپتىكى كىشىلەر كىيىملىرىنى سېلىپ كىچىك بالىنى ئوراپ قويدى. يەنە بىر كىچىك قىزنى قۇتقۇزۇپ چىقالمىغىنىغا بەختىيار ھازىرغىچە ئېچىناتتى.

  __ «قۇتقۇزۇۋاتقان ۋاقتىمدا ھېچنىمىنى ئويلىماپتىمەن، كېيىن ئويلاپ ئۆزۈممۇ قورقتۇم. لېكىن مەن سۇغا چۈشۈپ ئۇلارنى قۇتقازغىنىمغا ھېچ پۇشايمان قىلمىدىم، كېيىن مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كېلىپ قالسام، مەن يەنىلا ئىككىلەنمەي كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىلىمەن»، __ بەختىيار يەنە شۇنداق دېدى، __ «ئاپام مېنى كىچىكىمدىن سەمىمىي، باتۇر ئادەم بول دەپ تەربىيەلىگەن.»

  بەختىيارنىڭ كېيىن ئۇقۇشىچە، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ھەدە-ئىنى مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىكى ئائىلىكلەرنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ھەدىسى 8 ياش، ئىنىسى 5 ياشتا ئىكەن. بالىلار چوڭلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ ئويناپ، دىققەتسىزلىكتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. شياۋ خاۋنىڭ بوۋىسى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەختىيار بولمىغان بولسا، بىزنىڭ ئىككىلا بالىمىز سۇغا غەرق بولاتتى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىمىز بەختىيارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر