باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ 3100دىن كۆپرەك تۈرىنى ھۆددىگە ئالدى

ئىش باشلىغان ۋە قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلانغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە، مەركەز كارخانىلىرى بۇنىڭدىن %50ىنى ئۈستىگە ئالدى

2018.11.12 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە ۋە يېتەكلەش تىپىدىكى مۇھىم تۈرلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئۈستىگە ئالغان. نۆۋەتتە، مەركەز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن 3116 تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئىش باشلىغان ۋە قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلانغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالغان تۈرلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50كە يېتىپ، ئومۇمىي توختام سوممىسى نىسبىتى %70تىن ئاشقان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئورۇنلىرى 10مىڭ 791غا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار 185 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، چېگرا سىرتىدىكى مۈلۈكلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشقان، يىللىق تىجارەت كىرىمى 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 106 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە، مەركەز كارخانىلىرى باشتىن-ئاخىر قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان. بولۇپمۇ تىجارەتنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە، چەتئەللەردىكى تارماق ئاپپاراتلاردا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ %85ى يەرلىك خادىملار بولۇپ، يەنە نۇرغۇن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يەرلىكلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر