باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى

2018.11.08 16:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن تەۋەلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى، شەھەر بويىچە جەمئىي 13 مىڭ ئائىلىدىكى 19 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-/2019-يىللىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدىكەن: قىيىنچىلىقى بار شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئۆيى كۆمۈر ياكى باشقا پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن بىلەن مەركەزلىك ئىسسىتىلىدىغانلار، ئۆيىنىڭ كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىر (ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئۆلچىمىدە) بولغانلارغا تولۇق سوممىلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ئۆيىنىڭ كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىردىن ئاشسا ئاشقان قىسمىغا شۇ ئائىلە ئۆزى مەسئۇل بولىدىكەن، ئۆيىنى ئۆزى ئىسسىتىدىغان ھەر بىر ئائىلىگە ھەر يىلى ئۈچ توننا ئۆلچەم بويىچە كۆمۈر تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەر تەۋەلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە قىشلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى تارقىتىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر