باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: نۇرغۇن بالىلاردىكى بادام بېزىنى ئېلىۋېتىش ئەمەلىيەتتە ھاجەتسىز

2018.11.09 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە بىرمىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئەنگلىيەدىكى بالىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بادام بېزىنى ئېلىۋەتكەن ھەر سەككىز نەپەر بالا ئىچىدە يەتتىسى ئۇ بەزنى ئېلىۋەتكەنلىكنىڭ ھېچ بىر پايدىسىنى كۆرمىگەن.

  بىرمىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئەنگلىيەدىكى 700دىن ئارتۇق شىپاخانىدا 2005- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋالانغان بىر مىليون 600 مىڭ نەپەر بالىنىڭ داۋالىنىش خاتىرىسىنى تەھلىل قىلغان. تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، شۇ مەزگىلدە داۋالانغان بالىلاردىن 18 مىڭدىن كۆپرەك بالىنىڭ بادام بېزى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن. ئەمما، ئەسلىدە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن نىسبەتنىڭ ئاران %11.7ىنى ئىگىلەيدىغان 2144 بالىنىڭلا ئېغىر دەرىجىدە گېلى ئىششىپ ئاغرىش مەسىلىسى بار بولۇپ، بادام بېزىنى ئېلىۋېتىش لازىم بولغان. قالغانلىرى بولسا، بادام بېزىنى ئېلىۋېتىش ھاجەتسىز ئىدى.

  «ئەنگلىيە ئومۇمىي مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ بىر دوكلاتقا ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار شۇنداق دەپ قارىدىكى، ئەنگلىيەدە ھەر يىلى 30 مىڭدىن ئارتۇق بالا بادام بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بادام بېزى ئېلىۋېتىلگەن. ئۇ بالىلارنىڭ بادام بېزىنىڭ كېسىپ ئېلىۋېتىلىشى ئەسلىدە تامامەن «ھاجەتسىز» ئىدى. يەنە كېلىپ، بۇ ئەسلىدە ئەنگلىيەنىڭ ئاممىۋى داۋالاش سىستېمىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، زور دەرىجىدىكى بىر بىھۇدە چىقىم ئىدى.

  نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە دەۋر سۈرۈۋاتقان ساغلاملىق يېتەكچىسى شۇكى، ئەگەر بالىلاردا گال ئىششىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى ئادەتتە ھەر يىلى يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلسە، ياكى ئۇدا 2 يىل ھەر يىلى بەش قېتىمدىن ئارتۇق بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ۋە ياكى ئۇدا ئۈچ يىل ھەر يىلى ئۈچ قېتىم بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ بادام بېزى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

  بۇ خىل خاتا يېتەكچىلىككە قارىتا، يۇقىرى دوكلاتنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى، بىرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور تام • مارشال مۇنداق دېدى: نۇرغۇن بالىلاردا كۆرۈلىدىغان گال ئىششىپ ئاغرىشنىڭ ئالامىتى ئەمەلىيەتتە ئانچە ئېغىر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بادام بېزىنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىش ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىگە ياخشىلاش ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەكسىچە، نۇرغۇن بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بادام بېزىنى ئېلىۋېتىشنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر