ئۈرۈمچى شەھىرى شىچىخۇ يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە سىناق قاتناش باشلاندى
2018.11.08 16:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ ئەتراپىدىكى شىچىخۇ يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە نۆۋەتتە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاندى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار يول بەلگىسى، ئاگاھلاندۇرۇش چىرىقى ئورنىتىش قاتارلىق ئاخىرقى خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يول رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يول قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل قاتنىيالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، يولنىڭ ئىككى يېنىدا تۆت مېتىر كەڭلىكتىكى پىيادىلەر يولى بار ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر