باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى 30 نەچچە ئورۇندىكى ئەرزان، قولاي ئۆي مەنبەسىنى ئېلان قىلدى

2018.11.08 16:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا 30 نەچچە ئورۇندىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇنى 19-قېتىم كاپالەت خاراكتېرلىك چەك تارتىپ تەقسىملىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي مەنبەسى ئۈچ ئورۇندا بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا باداۋان بۆلەك رايونىدىكى چۈنخېيىيۈەن، شەنشۈييايۈەن ۋە مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى چۈنخې لۇڭشېڭيۈەن ئولتۇراق رايونى ئىكەن؛ ئەرزان، قولايلىق ئۆي مەنبەسى 30نەچچە ئورۇندا بولۇپ، ئاساسلىقى تاۋار ئۆي ئولتۇراق رايونىدىن سەپلەنگەن.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۆي مەنبەسىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 31 كىۋادرات مېتىردىن 87 كىۋادرات مېتىرغىچە بولۇپ، ھەربىر كىۋادرات مېتىر ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 2110 يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينىڭ كاپالەت دائىرىسى داۋاملىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئائىلىلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، ئوتتۇرا كىرىملىكتىن سەل تۆۋەن ئائىلىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان خىزمەتچىلەر بولۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى، ياش دوختۇرلار ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇلۇپ، كاپالەت دائىرىسى سەككىز خىل كىشىلەرگە كېڭەيگەن، بۇلار ئىچىدىكى ئايلىق كىرىمى 3085 يۈەندىن تۆۋەن، ھەمدە كىشى بېشى ئولتۇراق كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن كىشىلەر ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  ھازىرغىچە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە جەمئىي 11 مىڭ 209 ئائىلىلىككە كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي تەقسىملەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر