باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەينەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېرىم يىلدا 27 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىق خادىمنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى

2018.11.12 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- نويابىر، خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرى جۇڭگۇەنسۈندىكى"دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى كۆرگەزمە مەركىزى"دە، خەينەن ئۆلكىلىك «ھەممە جايدىن ئىختىساسلىقلارنى توپلاش» تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ تەكلىپ قىلىش نىشانىنى پۈتكۈل دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ھەمدە كەسپىي ۋە كارخانا ئورۇنلىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ۋە قىس بولغان ئىختىساسلىقلار، سەردار ئىختىساسلىقلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنى توردا تەكلىپ قىلىش ۋە نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش، دەپ ئايرىلىپ، جەمئىي 371 كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار بۇ پائالىيەتكە كەلگەنلەرگە 7471 سۈپەتلىك ئىش ئورنىنى سۇندى، ھەمدە بۇنىڭغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلدى. بۇ خىزمەت ئورۇنلىرى تۆۋەندىكى ئورۇنلارنى، يەنى خەينەن ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيەگە ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپلەر، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر، پۇقراۋى كارخانىلار قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى بولسا، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتىكى مۇھىم يولى، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم سۇپىسى ۋە ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنىكى ھېسابلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، خەينەندە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاجىز ھالقىسى ۋە ئەڭ قىس بولۇۋاتقان تەرىپى بولسا، ئىختىساسلىقلار مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەينەن ئۆلكىسى تەكلىپ قىلغان ئىختىساسلىقلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ جۆرىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەندەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە يېڭىچە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشقا لازىملىق بولغان ۋە يۈرۈشلەشكەن ھۆججەتلەرنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھەمدە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتىنىڭ «بىر بېكەت شەكلى»دىكى ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ھەم شۇنداقلا، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئارقىلىق، خەينەنگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە تىرىشىپ، نەتىجىدە، يېرىم يىلدىن بۇيان خەينەنگە 27 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار 700 دىن ئاشتى.ھازىر بۇ جايدا ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر