باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كالىفورنىيە قاۋاقخانىسىدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 13 كىشى قازا قىلدى

2018.11.09 16:26   مەنبە: خەلق تورى

كالىفورنىيە قاۋاقخانىسىدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 13 كىشى قازا قىلدى

  سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ۋېنتۇرا ناھىيەسىنىڭ توۋساند ئوكس شەھىرىدە، ساقچىلار ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن قاۋاقخانا ئەتراپىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېنتۇرا ناھىيەلىك ساقچى تەرەپنىڭ 8-چېسلا سەھەردە دېيىشىچە، 7-چېسلا كەچتە مەزكۇر ناھىيەدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە، ئوققا تۇتقۇچى ۋە بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 13 ئادەم ئۆلۈپ، يەنە ئاز دېگەندىمۇ 10 ئادەم يارىلانغان.

  ۋېنتۇرا ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 7-نويابىر كەچ سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا، بىر قوراللىق كىشى بۇ ناھىيەنىڭ توۋساند ئوكس شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ، تۈتەك بومبىسى ئاتقان ھەمدە ئادەملەر توپىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. زور تۈركۈم ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئېتىشقان، 29 يىل ساقچىلىق ئىستاژىغا ئىگە رون خېللۇس ئىسىملىك بىر ساقچى نەچچە ئوق تەگكەنلىك سەۋەبلىك، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇ قوراللىق كىشى ئارقىدىن ساقچىلار بىلەن ئېتىشىش داۋامىدا ئۆلگەن. ساقچىلار قوراللىق كىشىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇددىئاسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تېخى ئېلان قىلمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…