باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەرىكەت قىلىپ تۇرسا، چوڭ مېڭە يىگىلەشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ

2017.11.23 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: مەزكۇر مەكتەپ قاتناشقان بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت كۆپ بولسا، قېرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان چوڭ مېڭە سەقەنقۇر رايونىنىڭ يىگىلىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

  ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مېڭە ساغلاملىقى تۆۋەنلەيدۇ، مېڭە قىسىمى بارا-بارا يىگىلەيدۇ. چوڭ مېڭە سەقەنقۇر رايونى بولسا، ئىنسانلار ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ چوڭ مېڭە ئىچىدىكى مۇھىم بىر قىسىم بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ ۋە سول قىسىملىرىغا جايلاشقان. چوڭ مېڭىنىڭ بۇ رايونى ئاساسلىقى ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇشنىڭ ساقلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل، ھەمدە يۆنۈلۈشنى پەرلەندۈرۈشتەك فۇنكسىيەسى بار.

  غەربىي سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقات خادىملىرى 14 بۆلەك كىلىنىكىلىق تەتقىقات دوكلاتىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتقا چېتىشلىق كىشى 737گە يەتكەن. مەزكۇر سىناقتا، بىر قىسىم قاتناشقۇچىلارغا تەلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ ئايدىن 24 ئايغىچە، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ۋېلىسىپىت ھەيدەپ بېرىش، سەيلە قىلىپ بېرىش ياكى يۈگۈرۈپ بېرىش دېگەندەك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلى بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغانلار بىلەن ھەرىكەت قىلمىغانلارنىڭ تەجرىبىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى چوڭ مېڭە سىكاننېر رەسىملىرىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ھەرىكەت ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، ساغلام ئادەمنىڭ سەقەنقۇر رايونىنىڭ سىغىمىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتقا قاتناشقان غەربىي سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خادىمى سېف فىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرىكەت قىلغاندا، ئادەم بەدىنىدە «مېڭە مەنبەلىك نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرغۇچى فاكتور» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىل ئاجرىتىپ چىقىلىدىكەن، بۇ ھەم قېرىپ كېتىش سەۋەبىدىن بارلىققا كېلىدىغان مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ مېڭە سەقەنقۇر رايونى يىگىلەپ كېتىشنى كېچىكتۈرۈپ، مېڭە ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر