باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پېنىتسىللىن ئىشلەتسە، كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2017.05.10 09:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پېنىتسىللىن ئىشلەتسە، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھەرىكەت ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  ئىسرائىلىيە بارئىللان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى، كانادا ساينىت يوسېف داۋالاش مەركىزى ۋە مېكماست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى چاشقاننى ئوبيېكت قىلىپ، ئانتىبىيوتىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرنى تەتقىق قىلىپ كۆرگەن. نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، تەجرىبە قىلىنغان چاشقانغا ھامىلىدار مەزگىلدە كىلىنىكىلىق مىقداردا (يەنى ئاز مىقداردا) ئانتىبىيوتىك ئوكۇل ئۇرسا، بالا چاشقاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، مەسىلەن، ھۇجۇم قىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك، چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن. بىراق، ئۆسۈشكە پايدىلىق بولغان زەمبۇرۇغ يەپ بەرسە، پېنىتسىللىن دېگەندەك ئانتىبىيوتىك ماددىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل ناچار تەسىرنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئالغىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقات مەسئۇلى جون بىلونىس دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭىدىن تەتقىق قىلىنغان ئوبيېكت گەرچە چاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىنسانلارغا تەتبىقلاشقىمۇ بولىدۇ. سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن، شىمالىي ئامېرىكىدا بىر ياش ئىچىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئانتىبىيوتىك بىلەن داۋالىمايدىكەن. ئانتىبىيوتىكنىڭ مەنبەسى رېتسېپلىق دورا بولۇپلا قالماستىن، يەنە گۆش ۋە سۈتتىن كېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ئانتىبىيوتىك دورا ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، تېخى تۇغۇلمىغان بالىغا تولدۇرغۇسىز زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر