باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈردى:

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ

2016.07.27 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25- ئىيۇل، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۆپلىگەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىرىنى تەشكىللەپ، تەدرىجىي كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتىنى چۈشەندۈردى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئەمگەك ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ دۇڭلىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا زور زەربە شەكىللەندۈرمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. لېكىن چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ بىرلا خىل تېخنىكا ئىگىلىگەن چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: دەل ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ھەم تەدرىجىي ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى يۇقىرىلىتىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىرىش سىياسىتىنى تەڭشەشتىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. «ئاياللارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشى تۆۋەنرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە پېنسىيەگە چىقىش ئوتتۇرىچە يېشى پەقەت 54 ياش بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى بىر قەدەر تۆۋەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ». جىن ۋېيگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزدە ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلگەندە، شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئېغىر چىقىم بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش نىسبىتى سىجىل ئاشقان. 2015 - يىلى دۆلىتىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى بىلەن پېنسىيەگە چىققان ئادەم سانىنىڭ نىسبىتى 2.88:1 بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 2035-يىلى 2:1 ئەتراپىدا بولىدىكەن، 2050-يىلىغا بارغاندا، ياشانغانلارنى بېقىش نىسبىتى ئۆرلەپ، ئاز دېگەندە 1.5:1 بولىدىكەن ھەم شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قىسقا (ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا يەتسە پېنسىيەگە چىقىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ)، كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتى ئۇزاق بولىدىكەن، بۇ زىددىيەت نوپۇسنىڭ كۆزلىگەن ئۆمرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى گەۋدىلىك بولىدىكەن. جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىدىكى تەمىنلەش - تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كىرىم - چىقىم ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى مۇۋاپىق يۇقىرىلىتىشى بىر خىل مۇقەررەر يۈزلىنىش.»

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئەمگەك ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ دۇڭلىياڭ پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ: «2020 - يىلىدىن كېيىن ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئازىيىش سالمىقى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاشىدۇ، ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ 2011 - يىلىدىكى يۇقىرى پەللىسى 900 مىليوندىن ئازىيىپ، 2050 - يىلىغا بارغاندا 700 مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ» دېدى. جېڭ دۇڭلىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەرۋەقە، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى تەدرىجىي يۇقىرىلىدى، لېكىن تەربىيەلىنىش يىل چېكى ئۇزارتىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژى قىسقىراپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەمگەك كۈچى بايلىقى ئازايماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمگەك كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك، ھالبۇكى، پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش بىر يول ھېسابلىنىدۇ.

  جېڭ دۇڭلىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ ياشلار يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشماقتا، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىگىلىگەن ئىش ئورنى ھەرگىز ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش چارىسىنى يولغا قويۇشتا، بىر يىلدا بىر نەچچە ئايدىن كېچىكتۈرۈلسە، ئومۇمىي جەھەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەسىر بارلىق ساھەلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا زور زەربە شەكىللەندۈرمەيدۇ، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ قىيىن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمما، جېڭ دۇڭلىياڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ بىرلا خىل تېخنىكا ئىگىلىگەن چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ بولغان مۇۋاپىق ئىش ئورنى ئېچىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر