خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇل، خەلق گېزىتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو تاراتقۇلىرى ئۆتكۈزگەن، قاتناشقان دۆلەت ئاڭ كۆپ، قاتناشقان تاراتقۇرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان يەر شارى تاراتقۇلار باشلىقلار يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە ئالتە چوڭ نەتىجە شەكىللىنىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قەلبداشلىق ناخشىسىنى ئورتاق ئورۇنلىدى.
ياڭ جېنۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەكلىپى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان، دەۋرﻧﯩﯔ ﺑﺎش تېمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا نەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى. بۇنىڭدا «جۇڭگو تەپەككۇرى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئىپادىلەنگەن؛ بۇنىڭدا «جۇڭگو ئەندىزىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانى تۈزەشكە بولغان مەسئۇلىيەت ئىپادىلەنگەن؛ بۇنىڭدا «جۇڭگو لايىھەسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت تىنچلىقىغا يول كۆرسىتىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى