باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>تىلچىلار

«تارانچى دىئالېكتى»دىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

نىجات سوپى

2015.02.10 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

«تارانچى دىئالېكتى»دىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىشىش
قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

نىجات سوپى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا رۇس ئالىمى رادلوف تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1886-يىلى نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە بۇ تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى تەھلىل قىلىنىش بىلەن چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «تارانچى دىئالېكتى»؛ تىل تاۋۇشلىرى؛ تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى.
论文摘要:本文重点研究俄罗斯学者拉德洛夫在1886年出版的《塔兰奇方言》一书所包括的作品语言的语音及语音的和谐规律,而指出从察合台语发展到现代维吾尔语中间的过渡时期维吾尔语的部分语音特点。
关键词:《塔兰奇方言》;语音;语音和谐规律;现代维吾尔语。
Abstract: This paper focuses on the voices and voice harmony laws of Taranchi dialect, a book published by Russian scholar Radloff in 1886. It indicates the basic phonetic features of the transition period of Uyghur language from the Chagatay language development to Modern Uyghur.
Keywords: Taranchi dialect; the voices; voice harmony laws; Modern Uyghur.

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چار رۇسىيە ئالىملىرى سانكتپېتېربۇرگتىكى ئىمپىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز ئەتراپىدىكى ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ۋە تارىخى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇردى. ھەمدە ئاز بولمىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلدى. شۇ قېتىمقى ئىلمىي تەتقىقات دولقۇنىدا تەتقىقات نەتىجىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئالىملاردىن بىرى ۋاسىلىي ۋاسىلېۋىچ رادلوف (1837-1918) ئىدى. رادلوف ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە يېڭى بىر پەللە__ «رادلوۋ دەۋرى»نى بارلىققا كەلتۈردى.
رادلوفنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدە «شىمالدىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ تىلى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابى ئەينى دەۋردىكى ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلانغان مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى بولغان «خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر»دە ھەر قايسى تۈركىي قوۋملارنىڭ خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ئىنچىكە ترانسكىرىپسىيە بەلگىلىرى ئارقىلىق تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە ئەينى دەۋر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ دەۋر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قالدى. جۈملىدىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق 6-قىسىم كىتاب تىلىمىزنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىشتە بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر.
«تارانچى دىئالېكتى» ناملىق بۇ كىتاب 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىست قىسمىنىڭ ھەجمى 211 بەت. كىتابقا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىن خاتىرىلەنگەن خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ۋە بىر قىسىم يازما ماتېرىياللار كىرگۈزۈلگەن. مەزمۇن جەھەتتىن ماقال-تەمسىللەر، دىنىي نەسىھەتلەر، ئىلىغا ئائىت خەۋەرلەر، مەسەللەر، خەلق ئارىسىدىكى ھېكايىلەر، چۆچەكلەر، بېيىتلار قاتارلىق تارماقلارغا بۆلىنىدۇ. بۇ كىتاب ھەجمىنىڭ بىر قەدەر چوڭلۇقى، كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى، سېستىمىلىق ترانسكىرىپسىيە بەلگىلىرى بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكى بىلەن چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر بولالايدۇ. شۇ نۇقتىدىن، بىز بۇ ماقالىمىزدا «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق بۇ ئەسەردىكى تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان تىلدىكى تاۋۇشلار ۋە بۇ تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. «تارانچى دىئالېكتى»دىكى تاۋۇشلار
رادلوفنىڭ «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرىدە سىلاۋيان يېزىقى ھەرپلىرىنى ئاساس، لاتىن يېزىقى ھەرپلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ تۈزۈلگەن سېستىمىلىق خاتىرىلەش بەلگىلىرى ئىشلىتىلگەن. تىلىمىزدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇش، 24 ئۈزۈك تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھەرپلەر قوللىنىلغاندىن سىرت، بەزى تاۋۇشلارنىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرى ئۈچۈنمۇ ئايرىم ھەرپ شەكلى قوللىنىلغان. بۇ نۇقتىدىن رادلوفنىڭ بۇ ئەسىرىنى تاۋۇش ئېلېمېنتلىرى نۇقتىسىدىن ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەن ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.
1) سوزۇق تاۋۇشلار:
ئەسەردە يېزىق تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم تىلىمىزدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئايرىم ھەرپ ئىشلىتىلىپ، ئۇلار بىر-بىرىدىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى چاغاتاي يېزىقىدا كۆرۈلىدىغان تۆت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشنى ۋە تۆت لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى بۇ يېزىقتا ھەل قىلىنغان.
1 ئا A a 3 ئې E e 5 ئو O o 7 ئۇ Y y
2 ئە Ä ä 4 ئى I i 6 ئۆ Ö ö 8 ئۈ Ÿ ÿ
ئۇندىن باشقا سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ يۇقىرىقى شەكلىنىڭ ئۈستىگە سىزىقچە (-)، ياي شەكلى (ˇ) ۋە «لا» بوغۇمى شەكلىدىكى بەلگە قويۇش ئارقىلىق ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ تاۋۇشنىڭ ئۇزۇن ۋارىيانتى، قىسقا ۋارىيانتى ۋە ئەڭ قىسقا ۋارىيانتىنى كۆرسەتكەن.
2) ئۈزۈك تاۋۇشلار:
24 ئۈزۈك تاۋۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ھەرپلەر قوللىنىلغان:
1 ب Б б 7 د Д д 13 غ Ҕ ҕ 19 ل Л л
2 پ П п 8 ر Р р 14 ف Ф ф 20 م М м
3 ت Т т 9 ز З з 15 ق K k 21 ن Н н
4 ج Ц ц 10 ژ Ж ж 16 ك К к 22 ھ һ h
5 چ Ч ч 11 س С с 17 گ Г г 23 ۋ В в
6 خ Х х 12 ش Ш ш 18 ڭ Ң ң 24 ي Й й
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىچىدە «ف» تاۋۇشى بىلەن «ژ» تاۋۇشىنىڭ قوللىنىلىش چاستوتىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان.
«ج» تاۋۇشى ئۈچۈن «ц» ھەرپى قوللىنىلغاندىن سىرت، بەزىدە «j» ھەرپىنىڭ چېكىتسىز شەكلىمۇ قوللىنىلغان. لېكىن بەزى جايلاردا بۇ ھەرپ «ي» تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان «j» ھەرپىنىڭ ئەسلى شەكلى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان.
«ئاي، ئەي، ئوي» بوغۇملىرىدا سوزۇق تاۋۇش ھەرپى «i» ئۈزۈك تاۋۇش «ي»نى ئىپادىلەپ، بۇ بوغۇملارai ،äi ، oi شەكلىدە يېزىلغان.
2. تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماشلىشىپ كېلىشى ھەر قايسى تۈركىي تىللاردىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەردىن بىرىدۇر. لېكىن بۇ خىل ماسلىشىشنىڭ ھەر قايسى تۈركىي تىللاردىكى ئىپادىسى، جۈملىدىن مەلۇم بىر تىلنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدۇ. رادلوفنىڭ «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق بۇ ئەسىرىگە قارىساق، ئەسەر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشايدىغان تەرەپلىرىنىڭمۇ، ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۈپ سۆزلەردىكى ماسلىشىش: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ياكى لەۋ ھالىتىنىڭ مەلۇم بىرى جەھەتتىن ماسلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر «تارانچى دىئالېكتى»دا ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تولۇق ماسلاشقان شەكىلدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
«تاڭنېكى قۇرۇقتۇن، بۈگۈنكى ئۆپكۆ ياخشى.»
(ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.)
«ۋەلىخان تۆرۆ قاشقارنى ئۆزىنىڭ قولىغا ئېلىپتۇ.»
(ۋەلىخان تۆرە قەشقەرنى ئۆزىنىڭ قولىغا ئاپتۇ.)
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «ئۆپكۆ، تۆرۆ» سۆزلىرى ھەم تىل ئورنى جەھەتتىن، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلگەن. ئەسەردە يەنە «تۈلكۈ (تۈلكە)، بۆلۈك (بۆلەك)، دۆلۆت (دۆلەت)، تۆرۆپ (تەرەپ)، ئوخشوش (ئوخشاش)» دېگەن سۆزلەرمۇ مۇشۇنداق ماسلاشقان شەكىلدە كەلگەن.
(2) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشمىغان بىر قىسىم سۆزلەر «تارانچى دىئالېكتى»دا ماسلاشقان شەكىلدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
«مۇنىڭ مەشوقى قاسى تۆرەپتە بارسا تاپقېلى بولامدۇ، قۈرئە سېلىڭلار.»
(بۇنىڭ مەشۇقىنى قايسى تەرەپكە بارسا تاپقىلى بولىدۇ، قۇرئە سېلىڭلار.)
«كەلىپ شۇ خىرمېنىمغا بەرەكەت بەرەرمىكىن دەپ ئىكى غەلبۈر بۇغداي بەردىم.»
(كېلىپ شۇ خامىنىمغا بەرىكەت بېرەرمىكىن دەپ ئىكى غەلۋىر بۇغداي بەردىم.)
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «قۈرئە (قۇرئە)، غەلبۈر (غەلۋىر)» سۆزلىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرى بولۇش بىلەن تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن.
ياسالما سۆزلەردىكى ماسلىشىش: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۈپ سۆزلەرگە ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ئاساسەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا، لەۋلەشكەن ياكى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ياسىغۇچى قوشۇمچىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن مۇتلەق شۇنداق بولۇپ كېتەلمەيدۇ. بەزى ياسىغۇچى قۇشۇمچىلار ئەدەبىي تىلدا ئىخچاملىنىپ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىر ياكى ئىككىلا ۋارىيانتى قوللىنىلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دىكى ئەسەرلەردە بۇ جەھەتتىكى ماسلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن. مەسىلەن: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا كۆرسىتىش ئالماش «مۇنچە، شۇنچە، ئۇنچە»، سوئال ئالماش «قانچە»، ئېنىقسىز ئالماش «بىر مۇنچە»، دەرىجە رەۋىشى «ئانچە-مۇنچە» قاتارلىقلار تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سۆز يىلتىزىغا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە ئۇلىنىش بىلەن ياسالغان، يەنى تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلاشمىغان. «تارانچى دىئالېكتى»دا تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق بۇ سۆزلەرگە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ياسىغۇچى قوشۇمچە ئۇلىنىش بىلەن سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ، «مۇنچا، شۇنچا، ئۇنچا، قانچا، بىر مۇنچا، ئانچا-مۇنچا» شەكلىدە ياسىلىدۇ. مەسىلەن:
«مەن نەچەن يىلدىن مۇنچا جاپالارنى تارتىپ كەلدىم.»
(مەن نەچچە يىلدىن بېرى مۇنچە جاپالارنى تارتىپ كەلدىم.)
«خوتۇننىڭ قېشىغا كىردى، ئانچا-مۇنچا سۆز قىلىشتى.»
(خوتۇننىڭ قېشىغا كىردى، ئانچە-مۇنچە سۆز قىلىشتى.)
«ئاتامدىن تۆرت يۈز شەھەر قالغان، قانچا قۇل، قانچا پۇل قالغان.»
(ئاتامدىن تۆت يۈز شەھەر قالغان، قانچىلىغان قۇل، قانچىلىغان پۇل قالغان.)
«مەنىڭ شۇنچا پۇلۇمنى يەپ، ھەلى مەنى تاشلاپ، يانا بۆلۆك كىشىنى ئوبدان كۆرۈپ كەتتى.» (مېنىڭ شۇنچە پۇلۇمنى يەپ، ئەمدى مېنى تاشلاپ، يەنە باشقا كىشىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كەتتى.)
سۆزلەرنىڭ تۈرلەنگەن شەكلىدىكى ماسلىشىش: «تارانچى دىئالېكتى»دا سوزۇق تاۋۇشلاردىكى ماسلىشىش سۆزلەرگە ھەر خىل تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. سۆزلەرگە ھەر خىل تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنى تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا، لەۋلەشكەن ياكى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى بويىچە تاللاپ قوشۇشقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئىسىملارنىڭ ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى «-نىڭ» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قوشۇمچىنىڭ «-نۇڭ، -نۈڭ» قاتارلىق لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«ماڭا ئالتۇن-كۈمۈش، پۇلنۇڭ كەرەگى يوق.»
(ماڭا ئالتۇن-كۈمۈش، پۇلنىڭ كېرىكى يوق.)
«سەن مەنى ئوتۇز سۆيدۈڭ، سۆيگۆنۈڭنى بەر، قازى.»
(سەن مېنى ئوتتوزنى سۆيدۈڭ، سۆيگۈنۈڭنى قايتۇرۇپ بەر، قازى.)
(2) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ چىقىش كېلىش قوشۇمچىلىرى «-دىن، -تىن» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا بۇلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ «-دۇن، -تۇن، -دۈن، -تۈن» قاتارلىق لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى، ھەمدە «-دان، -دەن، -تەن» قاتارلىق لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«مەن كەلدىم شۇندۇن مۇڭا، خۇدانىڭ پەرمانىچا.»
(مەن كەلدىم شۇندىن بۇ يەرگە، خۇدانىڭ پەرمانىچە.)
«شۇنداق قىلساڭلار قوشتۇن قۇتۇلۇپ قالىسىلەر.»
(شۇنداق قىلساڭلار قوشتىن قۇتۇلۇپ قالىسىلەر.)
«بۇ ئىكىلەسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئول قوش ھايداغان كىشى بۆرۈدۈن، تۈلكۈدۈن قۇتۇلدى.» (بۇ ئىككىلىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇ قوش ھەيدىگەن كىشى بۆرىدىن، تۈلكىدىن قۇتۇلدى.)
«كۈن چىقسا، بۇ ھەر تۆشۈكتۈن كۈننىڭ شاۋلېسى تۈشۈدۇ.»
(كۈن چىقسا، بۇ ھەر تۆشۈكتىن كۈننىڭ شولىسى چۈشىدۇ.)
«يامان كىشىلەر ھاراقنى سۇدان ئوبدان كۆرۈپ، سۇ ئىشمەي ھاراق ئىچىدۇ.»
(يامان كىشىلەر ھاراقنى سۇدىن ياخشى كۆرۈپ، سۇ ئىچمەي ھاراق ئىچىدۇ.)
«تۇل خوتۇن، يەتىم ئوغۇل، غەرىپ-مۇساپىر ئۈيۈڭدەن چىقارما.»
(تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇل، غېرىب-مۇساپىرنى ئۆيۈڭدىن چىقارما.)
«ئادەم بالېسى ئاتمىش ياشقا يەتكەندە، ھەر قىلېدىغان ئىشتەن قالىدۇ.»
(ئادەم بالىسى ئاتمىش ياشقا يەتكەندە قىلىدىغان ھەر ئىشىدىن قالىدۇ.)
(3) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى «-غا، -قا، -گە، -كە، -قە» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-گۆ، -كۆ» قاتارلىقلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«دۆنى ئالدۇرۇپ كەلدى، دۆگۆ شۇ سۆزلەرنى ئايتتى.»
(دۆنى ئالدۇرۇپ كەلدى، دۆگە شۇ سۆزلەرنى ئېيتتى.)
«بۆرۈ تۈلكى بىلەن خوتۇن تۆرۆپكۆ يۈردى.»
(بۆرە تۈلكە بىلەن خوتۇن تەرەپكە يۈردى.)
يۇقىرىقى مىساللاردا «-دۆ» (زەھەرلىك ئۆمۈچۈك)، «تۆرۆپ» (تەرەپ) سۆزلىرىگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرىنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-گۆ، -كۆ» ئۇلانغان.
(4) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى «-دا، -دە، -تا، -تە» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-دۆ»مۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«بۇ مەن خوجا ئەمەس، دەپ بىر سۆزدۆ تۇردى.»
(مەن خوجا ئەمەس، دەپ بىر سۆزدە تۇردى.)
«ئول خوتۇن ئىكى بالېسىنى يۆتۈلەپ، بىر چۆلدۆ كەتىپ باراتتى»
(ئۇ خوتۇن ئىككى بالىسىنى يېتىلەپ، بىر چۆلدە كېتىپ باراتتى.)
«مەن كۆڭنۆمدۆ ئايتتىم: پادىشا بولدۇم، دەپ.»
(مەن كۆڭلۈمدە ئېيتتىم: پادىشاھ بولدۇم، دەپ.)
بۇ مىساللاردىكى «سۆز، چۆل، كۆڭۈل» سۆزلىرىگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق «-دۆ» قوشۇمچىسى ئۇلانغان.
(5) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ چەك كېلىش قوشۇمچىلىرى «-غىچە، -قىچە، -گىچە، -كىچە» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى لەۋلەشمىگەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-غىچا، -قىچا» ۋە ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-گۈچە، -كۈچە» قاتارلىقلارمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
«شۇ ۋاققىچا سەن يۇتۇڭنۇڭ چوڭ-كىچىگىنى ماڭا كۆرسەتمەدىڭ.»
(شۇ ۋاققىچە سەن يۇرتۇڭنىڭ چوڭ-كىچىكىنى ماڭا كۆرسەتمىدىڭ.)
«يامان خوتۇن ئالغىچا، بويتاق يۈرگۆن ئۆلگۈچە.»
(يامان خوتۇن ئالغىچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگىچە.)
«بەش يۈز-ئالتى يۈز كىشى كۈرە ئىچىدەكى مەڭسىپدارلارغا كۈزگۈچە ئالبانى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.» (بەش-ئالتى يۈز كىشى كۈرەدىكى مەنسەپدارلارغا كۈزگىچە ئالۋانى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.)
«ئۆي بۈتكۈچە ھەر كۈللىگى ئوغا چىقسا، تاغلاردا ھەر قىسما كىكلەرنى كۆرۈپ، مەشوقى كۆڭنىدىن چىقارمىكەن.» (ئۆي پۈتكىچە ھەر كۈنلىكى ئوۋغا چىقسا، تاغلاردا ھەر خىل ھايۋانلارنى كۆرۈپ، مەشۇقى كۆڭلىدىن چىقارمىكىن.)
(6) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ ئوخشاتما كېلىش قوشۇمچىسى «-دەك، -تەك» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىدىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «-داق»مۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «يارېغىداق (يارىغىدەك)، بولغۇداق (بولغۇدەك)، گۇناكارداق (گۇناھكاردەك)، ئوغلانداق (ئوغلاندەك)، ئاشىقلارداق (ئاشىقلاردەك)، تۇتقىداق (تۇتقىدەك)، ئالغۇداق (ئالغۇدەك)».
(7) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا پېئىللارنىڭ بايان رايىنىڭ ئۆتكەن زامان 1-شەخس كۆپلۈك شەكلى قوشۇمچىلىرى «-دۇق، -تۇق» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا بۇ قوشۇمچىلارنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-دۈك، -تۈك» ۋە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «-دىك» قاتارلىقلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«ئۈچ ئوغلۇم بار ئىدى، ئىكى تارانچى ئىدۈك.»
«ئاتېمىز ئۆلگۆندىن كىن، بىز ئىكى قىز بۆلۈشتۈك.»
«بىز ئېنى كۆردۈك، ئېنىڭ ئۈچۈن باغلاپ ئېلىپ كەلدىك.»
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلى شېۋىسىدە بۇ قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «-دۈك، -تۈك» قاتارلىقلار ھېلىمۇ مەلۇم نىسبەتتە قوللىنىلماقتا.
(8) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ بايان رايى ئۆتكەن زامان 3-شەخس قوشۇمچىسى «-دى، -تى» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىدىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ «-دۇ، -دۈ» قاتارلىق لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«مانجۇ بىزگە تولا زۇلما قىلىپ تۇردۇ.» (مانجۇلار بىزگە تولا زۇلۇم قىلىپ تۇردى.)
«خوتۇننى ئۈچ كۈنگىچە سوقمۇسا، ئەرىم ئۆلدۈ دەيگىدەك.»
(خوتۇننى ئۈچ كۈنگىچە ئۇرمىسا، ئېرىم ئۆلدى دېگۈدەك.)
(9) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا پېئىللارنىڭ بايان رايى كەلگۈسى زامان 3-شەخسى ئېنىقسىز شەكلى قوشۇمچىلىرى «-ار، -ەر» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا بۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ «-ۇر، -ۈر» قاتارلىق لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: «يۇيۇلۇر (يۇيىلار)، بولۇر (بولار)، قۇتۇلۇر (قۇتۇلار)، كەلۈر (كېلەر)، ئۆلتۈرۈر (ئۆلتۈرەر)، بەرۈر (بېرەر)، كۆرۈر (كۆرەر)، يەتكۈزۈر (يەتكۈزەر)».
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «تارانچى دىئالېكتى»دا بەزى سۆزلەرگە پېئىللارنىڭ بايان رايىنىڭ يۇقىرىقى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان بولسىمۇ، لېكىن لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشمىغان ئەھۋاللىرىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«يامانغا يولۇقساڭ يارېسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارېسى يۇقار.»
(يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار.)
«ئات ئورۇقلۇقتا تۈشەر، خوتۇن غەرىپلىقتا تۈشەر.»
(ئات ئورۇقلۇقتا چۈشەر، خوتۇن غېرىبلىقتا چۈشەر.)
«ئەمدى ئۆلتۈرەرگە قەس قىلىپ تۇرۇپتۇ.»
(ئەمدى ئۆلتۈرەرگە قەست قىلىپ تۇرۇپتۇ.)
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «يۇقار، تۈشەر، ئۆلتۈرەر» قاتارلىق سۆزلەردىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشمىغان.
«تارانچى دىئالېكتى»دا پېئىللارنىڭ بايان رايىنىڭ يۇقىرىقى قوشۇمچىلىرى ئىچىدە لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلارنىڭ بەزىدە نورمىدىن ئارتۇق قوللىنىلغانلىقىنىمۇ كۆرىمىز. مەسىلەن: «ئالۇر (ئالار)، كەتۈر (كېتەر)، تالىشۇر (تالىشار)، يارىشۇر (يارىشار)» دېگەندەك سۆزلەردە ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بولغان ئىكەن، بۇ سۆز تۈرلەنگەندە قائىدە بويىچە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە ئۇلىنىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ يەردە ئۇلارغا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە ئۇلانغان.
(10) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ بايان رايى كەلگۈسى زامان بولۇشسىز شەكلىگە قوشۇمچىلىرى «-ماي، -مەي» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «مۇي»مۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
①«سۇنى كۆرمۆي ئۆتۈك چەشمە.» (سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك يەشمە.)
②«بويتاقنىڭ تۈتۈنىنى بۇلۇت كۆرمۆيدۇ، يۇندېسىنى ئىت كۆرمۆيدۇ.»
(بپيتاقنىڭ تۈتۈنىنى بۇلۇت كۆرمەيدۇ، يۇندىسىنى ئىت كۆرمەيدۇ.)
(11) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا پېئىللارنىڭ بايان رايى كەلگۈسى زامان گۇمان ۋە رىۋايەت تۈسى قوشۇمچىسى «-دەك» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىدىن باشقا، بۇ قوشۇمچىنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «-داق»مۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «قىلغىداق (قىلغىدەك)، ياتقىداق (ياتقىدەك)، بولالمىغىداق (بولالمىغىدەك)».
(12) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ بۇيرۇق رايى كەلگۈسى زامان 2-شەخس بىرلىك قوشۇمچىلىرى «-غىن، -قىن، -گىن، -كىن» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ «-غۇن، -گۈن» قاتارلىقلار لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
①«بىز پادىشانىڭ ئالدىغا داتقا بارىمىز، سەن بىرگە يۈرگۈن.»
(بىز پادىشاھنىڭ ئالدىغا دات ئېيتقىلى بارىمىز، سەن بىرگە يۈرگىن.)
②«سەن شۇ يەرگە تۇرغۇن، دەدى.» (سەن شۇ يەردە تۇرغىن، دېدى.)
(13) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ بۇيرۇق رايى كەلگۈسى زامان 3-شەخس قوشۇمچىسى «-سۇن» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىدىن باشقا، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بۇ قوشۇمچىنىڭ يەنە لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «-سۈن» ۋە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى «-سىن» قاتارلىقلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«زىنداندا يېتىپ ئۆلسۈن.» (زىنداندا يېتىپ ئۆلسۇن.)
«دۇنيادا غېمى يوق كىشى تېپىپ كەلسىن، دەدى.»
(دۇنيادا غېمى يوق كىشىنى تېپىپ كەلسۇن، دېدى.)
بۇلاردىن باشقا ئەسەردە يەنە «ئۆلتۈرسۈن، كەلسۈن، بەرسۈن، تەگسۈن، كەسسۈن، كىرسۈن» دېگەندەك سۆزلەردىمۇ بۇ خىل قوشۇمچىلار سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە قوللىنىلغان.
(14) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ شەرت رايى كەلگۈسى زامان 3-شەخس قوشۇمچىلىرى «-سا، -سە» شەكلىدە كېلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»دا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرى «-سو، -سۆ» قاتارلىقمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
«ئانداق بولسو سەن پاتماننى نوقۇت بىلەن توشقۇزالساڭ، ئۇ قالغان ئىكى ئىشنى مەن ئۆرگەتىپ بەرەي.» (ئۇنداق بولسا سەن پاتماننى نوقۇت بىلەن توشقۇزالىساڭ، ئۇ قالغان ئىككى ئىشنى مەن ئۆگىتىپ قوياي.)
«نەمەنى كۆرسۆ شۇنى يەيدۇ.» (نېمىنى كۆرسە، شۇنى يەيدۇ.)
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «تارانچى دىئالېكتى»دا «بۆرۈ\بۆرى، تۈلكۈ\تۈلكە» دېگەندەك بىر قىسىم سۆزلەر ھەر دائىم بىرلا خىل شەكىلدە كۆرۈلمەستىن، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بەزىدە ئالدىنقى شەكلىدىكىدەك تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تولۇق ماسلاشقان ھالدا، بەزىدە كېيىنكى شەكلىدىكىدەك قىسمەن ماسلاشقان ھالدا كۆرۈلىدۇ. ھەتتا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ياكى لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تولۇق ماسلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر، ئەكسىچە «تارانچى دىئالېكتى»دا قىسمەن ماسلاشقان شەكىلدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
«خوتۇللېرىنى كۈرەگە ئېلىپ بېرىپ، مانتۇچىلىققا قويۇپتۇ.»
(خوتۇنلىرىنى كۈرەگە ئېلىپ بېرىپ پاھىشەلىككە قويۇپتۇ.)
«توقا بىر تۇخۇم بەردى، تۇخۇمنى ئېلىپ بۇشۇردۇم.»
(توخۇ بىر تۇخۇم بەردى، تۇخۇمنى ئېلىپ پىشۇردۇم.)
يۇقىرىقى مىساللاردا «مانتۇ (مانتا)، توقا (توخۇ)» سۆزلىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان بولسىمۇ، لېكىن لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشمىغان. بۇنىڭدىن ئەينى دەۋر تىلىدا سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ دائىم تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تولۇق ماسلىشىپ كېتەلمىگەنلىكى، بىر قىسىم سۆزلەردە قىسمەن ماسلىشىشنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن.
دېمەك، «تارانچى دىئالېكتى»دىكى سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تولۇق ماسلىشىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان. بۇ يالغۇز تۈپ سۆزلەردىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى سۆزلەرگە ياسىغۇچى ياكى تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىمۇ ئىپادىلەنگەن. يەنى شۇ بىر يۈرۈش قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋە لەۋلەشكەن، لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوللىنىلغان. لېكىن بۇ دەۋر تىلى يەنىلا ئۆتكۈنچى ھالەتتە تۇرىۋاتقاچقا بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ بەزىدە مۇقىم ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرۈش كېرەك.
2) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى:
تىلىمىزدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك «تارانچى دىئالېكتى»دىمۇ ئوخشاشلا ئەكس ئەتكەن. جۈملىدىن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغان. مەسىلەن:
①«قاشقا ساناغان كۆزگە.» (قاشقا سانىغان كۆزگە.)
②«يولدا ياتقان ئىلاننىكى ئۆمرى قىسقا، كەچە يۈرگەن ئەرنىكى ئۆمرى قىسقا.»
(يولدا ياتقان ئىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىدە يۈرگەن ئەرنىڭ ئۆمرى قىسقا.)
ئالدىنقى مىسالدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «ش» بىلەن ئاياغلاشقان «قاش» سۆزىگە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرىدىن جاراڭسىز سوزۇق تاۋۇش «ق» بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى «-قا» ئۇلانغان، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ز» بىلەن ئاياغلاشقان «كۆز» سۆزىگە بولسا، بۇ قوشۇمچىنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «گ» بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى «-گە» ئۇلانغان. كېيىنكى مىسالدىكى «يولدا، ياتقان، يۈرگەن» سۆزلىرىدىمۇ قوشۇمچىلار مۇشۇ قائىدە بويىچە تاللاپ ئۇلانغان.
خۇلاسە قىلغاندا، «تارانچى دىئالېكتى»دىكى ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر پۈتۈن تاۋۇش سېستىمىسىغا ئىگە مۇكەممەل تىل ھېسابلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىمۇ بىر قەدەر قانۇنىيەتلىك بولغان، بولۇپمۇ سۆزلەرگە تۈرلىگۈچى ۋە ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئەكس ئەتكەن. بۇ دەۋر تىلى فونېتىكا جەھەتتىن چاغاتاي تىلىنىڭ ئاساسىي فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە تەدرىجى ھالدا خەلقنىڭ ئېغىز تىلىغا يېقىنلىشىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تارىخىي ئاساس ياراتقان.

پايدىلانمىلار:
1. ۋ. ۋ. رادلوف: «شىمالدىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ تىلى، 1-بۆلۈم: خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر، 6-قىسىم: تارانچى دىئالېكتى»، سانكېتپېتېبۇرگ، 1886-يىل نەشرى.
2. ئارسلان ئابدۇللا، يارى ئەبەيدۇللا، ئابدۇرېھىم راخمان: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-يىل 12-ئاي نەشرى.
ئەسئەت سۇلايمان: «قەشقەر باسما بۇيۇملىرى ۋە ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، 2007-يىللىق 4-سان.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئادەمىيات شۆبە ئىنىستىتۇتى، دوتسېنت، پوستدوكتور؛ ماگىستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر