باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە كىرىمىنىڭ %70 تى يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىنىدۇ

2015.02.10 14:00         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە كىرىمىنىڭ %70 تى يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىنىدۇ.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە داۋاملىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەندىزلىرىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا يۈزلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ. 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر- بازارلاردا 271 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش بويىچە يولغا قويغان غول سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ يانداشما قۇرۇلۇشى ۋە خەلقنى بېيىتىش بويىچە يېزا تاشيولىدىن 4 مىڭ كىلومېتىر ياساشنى چىڭ تۇتۇپ، 430 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ پاكىز سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىدۇ. چوڭ- چوڭ سۇ قۇرۇلۇشىلىرى ئېلىپ بېرىلغان رايونلاردىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان كېيىنكى باسقۇچلۇق سىياسەت ياردىمىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشنى چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، شەھەر يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جامائەت مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن مەبلىغى ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %70.3 نى ئىگىلىدى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بويىچە ھۆكۈمەت ۋەدە بەرگەن 25 تۈردىكى 150 خىل نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلىلەشتى. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىشى بېشى كىرىمى 8 مىڭ 296 يۈەنگە يېتىپ، %13.7 ئاشتى؛ شەھەر- بازار ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 22 مىڭ 160 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە ئۇدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بىر يىلدا 470 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 410 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر