باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ خەن، ليۇ ۋېي قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

2015.02.10 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 9-فېۋرال ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلات تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچى ليۇ خەن، ليۇ ۋېي، تاڭ شيەنبىڭ، جاڭ دۇڭخۇا، تيەن شيەنۋېيلارغا قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان.

  1993-يىلىدىن بۇيان، جاۋابكار ليۇ خەن، ليۇ ۋېيلار باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قانۇنلۇق قۇرۇلغان سىچۈەن خەنلۇڭ گۇرۇھى قاتارلىق شىركەت، كارخانىلارنى تايانچ قىلىپ، قارا جەمئىيەت خاراكتېرىنى ئالغان تەشكىلات قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.

  قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ قانۇنسىز نوپۇزىنى تىكلەش، قانۇنسىز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئاممىنى ئالدىغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، قورال-ياراقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ سېتىش، قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ساقلاش، قاقتى-سوقتى قىلىش، مال-مۈلۈكنى قەستەن بۇزۇۋېتىش، ھۆكۈمەت ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، قەستەن ئىش تۇغدۇرۇش، قىمارخانا ئېچىش، يوشۇرۇش قاتارلىق نەچچە ئون قېتىملىق جىنايى قىلمىش ۋە باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرۇش، توپلىشىپ قىمار ئويناش، تىل بىرىكتۈرۈپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق 11 قېتىملىق قانۇنغا خىلاب قىلمىشنى تەشكىللىك سادىر قىلىپ، سەككىز كىشىنى ئۆلتۈرۈش، نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇرۇشتەك ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان.

  شيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، جاۋابكار ليۇ خەن، ليۇ ۋېي، تاڭ شيەنبىڭ، جاڭ دۇڭخۇا، تيەن شيەنۋېيلارنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، جازا مەيدانىغا ئاپىرىپ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى. شيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن جىنايەتچى ليۇ خەن، ليۇ ۋېي، تاڭ شيەنبىڭ، جاڭ دۇڭخۇا، تيەن شيەنۋېيلارنى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، جازا ئىجرا قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر