باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسەت بويىچە ئاتچوت قىلىش بىلەن ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىدىكەن

2015.02.10 14:01         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتىنى داۋاملىق %99 لىك سەۋىيىدە ساقلاش، كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان جۇغلانما مەبلەغ ئۆلچىمىنى 460 يۈەنگە ئۆستۈرۈش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بالنىتسىدا يىتىپ داۋالىنىش ۋە ئامبولاتورىيىدە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى سىياسەت دائىرىسى بويىچە %75 ۋە %80 كە، بالنىتسىدا يىتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنىڭ %65 كە يەتكۈزۈپ، سىياسەت بويىچە ئاتچوت قىلىش بىلەن ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىدىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى بويىچە تۆلەم بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىپ، 22 تۈردىكى 64 خىل ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن. كېسەللىكلەرنى جىددى قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ۋە ئاساسى داۋالىنىش كاپالىتى، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈزۈملەرگە يانداش مىخانىزمنى ئورنىتىدىكەن. يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بويىچە ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بويىچە باشقا يەردە داۋالانغاندا دەرھال ئاتچوت قىلىپ بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر