باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014- يىللىق «شىنجاڭدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش» ژورنىلىدا يىللىق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىشتىكى شەخسلەر ئېلان قىلىندى

2015.02.10 13:59         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، 2014- يىللىق «شىنجاڭدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش» ژورنىلىدا يىللىق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىشتىكى شەخسلەر ئېلان قىلىندى، خوتەندىكى «شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەربىيلەر ئۈچۈن ئىشلەتكەن» ئەنۋەر مەنسۇر قاتارلىق 10 كىشى مۇكاپاتلاندى.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى «1- ئاۋغۇست» تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. باھالاش كومىتېتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر بىر شەخس ئۈچۈن مۇكاپاتلاش سۆزى تەييارلىدى. خوتەندىكى «شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەربىيلەر ئۈچۈن ئىشلەتكەن» ئەنۋەر مەنسۇر 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئوفىتسىر - ئەسكەرلەرنى خالىس توشۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنى نەچچە ئون مىڭ ئادەم قېتىم توشىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتوموبىلىمغا «10 كىلومېتىر ئارىلىققا ھەقسىز توشۇش» دېگەن خەت يېزىقلىق. مەن ياشانغانلار، ئاجىزلار، كېسەللەر ۋە مىيىپلار، شۇنداقلا ئۆيىدە جىددىي ئىشى چىقىپ قالغان ئامما ئۈچۈن خالىس مۇلازىمەت قىلىمەن. چەت، يىراق رايوندا تۇرىۋاتقان ھەربىيلەر ئۈچۈن مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى ھەقسىز توشۇشنى خالايمەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھەربىيلەر چارچاشتىن، جاپادىن قورقمايدۇ. ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزلەيدىغان ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتىسر- ئەسكەرلىرى. مەن شۇنداق زور شان- شەرەپكە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ قېتىم قايتىپ بارغاندىن كېيىن، 7 ناھىيە، بىر شەھەردە بېرىش - قايتىش بولۇپ مىڭ كىلومېتىر مۇساپىغا ئوفىتىسىر- ئەسكەرلەرنى ھەقسىز توشۇيمەن. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم.

  قابا ناھىيىلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چى شياۋخۇڭ 26 يىلدىن بۇيان شۇ جايدىكى ئوفىتسىر- ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئىزچىل پىتەك تىكىپ، ھېيت- بايراملاردا ئۇلارغا تۈگۈر تۈگۈپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىيلەر ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن «ھەربىيلەر ئانىسى» دەپ چاقىراتتى. چى شياخۇڭ مۇكاپات لوڭقىسىنى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى يالغۇز مېنىڭلا ئىشىم ئەمەس. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ھەربىيلەرگە پۇقرارلارنىڭ ئۇلارغا بولغان سەمىمىيىتىنى ھېس قىلدۇرماقچى.

  سانجى ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى سۈن شۆجۈن قاتارلىق 8 كىشى «2014- يىللىق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى مېھمان كۈتۈش يولى مەھەللىسىدىكى «ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش ساتىراچخانىسى» نىڭ مەسئۇلى فاڭ لى قاتارلىق 20 كىشى ئارمىيىنى ھىمايە قىلىشتىكى يىللىق شەخسلەرنىڭ نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر