9 –فېۋرال چۈشتىن كېيىن 85–يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بېيجىڭلىق يىگىت MICK توي قىلىش ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ، ئون يىلدىن بېرى يىغىپ ساقلىغان 238 جۈپ جوردان ئايىغىنى گۆرۈخانىغا رەنىگە قويۇپ، بىر مىليون يۈەن قەرزگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ پەقەت ‹‹جىددىي ئېھتىياجنى قامداش›› ئۈچۈن قوللانغان چارىسى ئىكەنلىكىنى، ئىككى ئايدىن كېيىن ئامال قىلىپ پۇل توپلاپ، ياخشى كۆرىدىغان ئاياغلىرىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.