باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق يەرلىك ئىككى يىغىنلىرىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر

2015.02.10 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق يەرلىك ئىككى يىغىن ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى، مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، نۇرغۇن جايلار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش كۆزلىمىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى، پۇقرالار تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش كۆرسەتكۈچلىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۇنجى ئىشىغا ئايلاندۇرغان.

  يېقىندا يېپىلغان شاڭخەي شەھەرلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىكى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، بۇ يىل شاڭخەينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنىڭ كونكرېت كۆزلىمىسى چىقىرىلمىدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى نىشانى بېكىتىلمەستىن، بەلكى بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە قارىتىلدى ھەم كونكرېت نىشان بېكىتىلدى.

  ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان خېنەن ئۆلكىسى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، ئاشلىق تېرىشقا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىشنى بۇ يىل خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى قىلدى. بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، مەملىكەتلىك يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى بىر تۇتاش يولغا قويۇش تەكىتلەندى. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بۇ يىللىق ئىككى يىغىنىدا، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ تەكلىپلىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ۋە ئۇنى ئاسراپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تېزدىن بېكىتىشكە مەركەزلەشتى.

  «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىزلىرىنى قوغداش نىزامى» بۇ يىل يەتتە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك بەلگىلىمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ، خېنەن ئۆلكىسى مەملىكەت بويىچە قانۇن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاشلىق ئېتىزى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالىدۇ. بۇ نىزامدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىزى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن، نىزامنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىزلىرىنى ئاشلىقتىن، يېزا ئىگىلىكتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر