باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ باھاسى ئىسلاھاتى لايىھەسى پات ئارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

2015.02.10 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇرغۇن ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر.

  يېقىندا نوپۇزلۇق ئەرباپلاردىن ئىگەللىنىشىچە، ھازىرقى سۇ بايلىقىنىڭ ئېلىمىزدىكى قىسلىق دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئىسلاھاتقا ھۆكۈمەت «ھەرگىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ» دەپ تەلەپ قويغان، كېيىنكى قەدەمدە 80 ناھىيەدە سىناق قىلىش خىزمىتى ئىمكانقەدەر تېز قانات يايدۇرىلىدىكەن ھەمدە ئىسلاھات ئومۇمىي لايىھەسى شەكىللەندۈرۈلۈپ گوۋۇيۈەنگە سۇنىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىسلاھاتنىڭ نىشانى دېھقانلارنىڭ ئاساسىي سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ سۇ ئىشلەتكەنلەر كۆپ پۇل خەجلەش، ئاز سۇ ئىشلەتكەنلەر ئاز پۇل خەجلەش، سۇ ئىشلەتمىسە تولۇقلىمىغا ئېرىشىش مىخانىزمى ئورنىتىش ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ يۈكى ئېغىرلىمايدىكەن، ھەم سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر