باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»تىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىدىن ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزغا نەزەر

2015.05.22 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى، 830011)

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»تىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى رەتلەش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھازىر تىلىمىزدا كەمتۈك ياكى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىلىۋاتقان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى تولۇقلاش ھەم ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش، ئەجداد، ئەۋلاد ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەم بۇلارنى ئەۋلاد تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈش توغرىسىدىكى ئاپتورنىڭ قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»، ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق، ئاتالغۇ

ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ئىنسانلار ئىجتىمائىي توپ بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىنلا پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن، تىلدىكى باشقا تەركىبلەرگە قارىغاندا قۇرۇلمىسى بىرقەدەر تۇراقلىق بولۇپ، تىلنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ ۋە مول مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە، ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى تارىخىي جەھەتتىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى، تىلنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ تۇرغان.
ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاپ، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارا مېھىر- مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. تىلىمىزدىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىش ـــ تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە ئىجتىمائىي تەرەقققىياتىمىزنى چۈشىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
18- ئەسىردە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى تەرىپىدىن پۈتۈلگەن مانجۇچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بەش خىل تىلنى سېلىشتۇرۇپ تۈزۈلگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «لۇغەت» دەيمىز) چيەنلۇڭ خان زامانىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئەمەلىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى بەش مىللەت تىلىنىڭ شۇ دەۋردىكى ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس. «لۇغەت»نىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن تارىخىي مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا سۆز بېشى، خاتىمە بېرىلمىگەن، باشقا كىتابلاردىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار مەلۇماتلار بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ يېزىلغان يىلى، كىم تەرىپىدىن تۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە تۈزۈك مەلۇمات يوق. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ «لۇغەت» 1771- يىلى تۈزۈلگەن مانجۇ- خەنزۇ تىللىرى سېلىشتۇرۇلغان «تولۇقلانغان مانجۇچە لۇغەت» ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ تۈپلىنىش، بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈشىمۇ ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. كېيىن بۇ لۇغەت موڭغۇلچە ۋە زاڭزۇچە قىسمى قوشۇلۇپ تۆت تىللىق، كېيىن يەنە ئۇيغۇرچىسى قوشۇلۇپ بەش تىللىق لۇغەت قىلىپ تۈزۈلگەن.
بۇ «لۇغەت»تە بەش خىل تىل يۇقىرىدىن تۆۋەنگە مۇنداق تەرتىپتە بېرىلگەن: مانجۇچە، زاڭزۇچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە. بۇلاردىن زاڭزۇچە قىسمىنىڭ ئاستىغا مانجۇ يېزىقى بىلەن ئىككى خىل ترانسىلىتىراتسىيە بېرىلىپ، زاڭزۇچە سۆزلەرنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بىر خىلى، ھەرپمۇ ھەرپ بېرىلگەن بوغۇملۇق ترانسىلىتىراتسىيە، يەنە بىر خىلى، تەلەپپۇزى بويىچە بېرىلگەن ترانسىلىتىراتسىيە. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب زاڭزۇچە سۆزلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى قەدىمكىدىن خېلىلا پەرق قىلسىمۇ، ئەمما ئوقۇغاندا قەدىمكى تەلەپپۇز ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە قىسمىنىڭ ئاستىدىمۇ مانجۇچە ترانسىلىتىراتسىيە بېرىلىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە قىسمىغا ترانسىلىتىراتسىيە بېرىلمىگەن. «لۇغەت»تىكى سۆزلەملەر سەككىز ئىستونغا بۆلۈنگەن. ئۇندىن باشقا «لۇغەت»كە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆزلەر ۋاقىت- سائەت قىسمى، ئاسمان قىسمى، پادىشاھلار قىسمى، يەر قىسمى، باتۇر- كۈچلۈك قىسمى، ئەۋلىيا قىسمى، بۇت قىسمى، يول- بازار قىسمى... دېگەندەك 371 تۈركۈم- بۆلەككە ئايرىلغان.
«لۇغەت»تە ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىغا ئائىت 150 تىن ئارتۇق سۆزلەم ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەملەرنى قانداشلىق، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى بويىچە ئايرىساق تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. 1›ئائىلىۋى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ؛ 2›يىلتىز- قانداش ياكى يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى؛ 3› قۇدا- باجىلىق مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدىغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى؛ 4›ۋاسىتىلىك ياكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى.

1› ئائىلىۋى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى

№ چاغاتايچىسى ئوقۇلۇشى ھازىرقى ئاتىلىشى خەنزۇچىىسى
1 اتا ئاتا ئاتا، دادا 父
2 ئانا ئانا ئانا، ئاپا 母
3 واليدە ۋالىدە ئانا، ئاپا 母
4 انالار ئانالار ئانىلار 诸母
5 دادا دادا دادا، ئاتا 爹
6 آجا ئەچە ئاپا، ئانا 娘
7 كويو كۈيۆ ئەر. ئېرى (ئايالغا نىسبەتەن) 夫
8 كوجى كۆچى خوتۇن، خوتۇنى (ئەرگە نىسبەتەن) 妻
9 باشداقى كوجى باشداقى كۆچى بىرىنچى قېتىم توي قىلىشقان ئەر- خوتۇنلار 结发夫妻
10 كوندەش كۈندەش كۈندەش 二妻彼此称呼
11 كيجيك كوجى كىچىك كۆچى توقال، كىچىك خوتۇن 妾
12 غوما كوجى غوما كۆچى توقال، كىچىك خوتۇن 妾
13 اكا ئاكا ئاكا 兄
14 اغا ئاغا ئاكا، ئاغا 兄
15 افا ئافا ئاپا، ئاچا، ھەدە 姐
16 افالار ئافالار ئاپىلار، ئاچىلار 泉姐
17 اينى ئىنى ئىنى، ئۇكا 祖弟兄
18 اكالار ئاكالار ئاكىلار 泉兄
19 اغالار ئاغالار ئاغىلار، ئاكىلار 泉兄
20 اينى ئىنى ئىنى، ئۇكا 弟
21 ايكاجى ئىگەچى ئېگىچە، ئاچا، ھەدە 姐姐
22 ايكاجيسى ئىگەچىسى ئېگىچىسى، ئاچىسى، ھەدىسى 姐姐
23 ايكاجيلار ئىگەچىلەر ئېگىچىلەر، ئاچىلار 泉姐姐
24 بارى ايكاجيلار بەرى ئىگەچىلەر ھەممە ئېگىچىلەر 泉姐姐
25 سينكيل سىڭىل سىڭىل 妹子
26 سينكيل لار سىڭىللار سىڭىللار 泉妹子
27 اينىلار ئىنىلەر ئىنىلەر 泉弟
28 اوغول ئوغۇل ئوغۇل 子
29 اوغوللار ئوغۇللار ئوغۇللار 辈侄
30 قيز بلا قىز بالا قىزبالا 女儿
31 قيز بلالار قىز بالالار قىزبالىلار 泉女儿
32 اولوغ قيز ئۇلۇغ قىز چوڭ قىز 长女
33 بلالارى بالالارى بالىلىرى 泉子
34 اوغول موغول ئوغۇل موغۇل بالا- چاقا، بالا-ۋاقا 泉子
35 تونجى تۇنجى تۇنجى 头生

36 اولوغى ئۇلۇغى چوڭى 长子
37 ايكينجى ئىككىنچى ئىككىنچى، ئوتتۇرانچىسى 次子
38 كين كى كېيىنكى كىچىكى، كەنجىسى 老生子
39 نبرە نەبرە نەۋرە 孙
40 ابرە ئەبرە ئەۋرە 曾孙
41 فەنبرە فەنەبرە پەينەۋرە 元孙
42 كوكونبرە كۈكۈنەبرە كۈكۈنەۋرە 来孙
43 چبرە چەبرە چەۋرە 昆孙
44 ياتنبرە ياتنەبرە ياتنەۋرە 仍孙
45 اودوم نبرە ئۇدۇم نەبرە ئۇدۇم نەبرە (؟) 云孙
46 نبرەلار نەبرەلەر نەۋرىلەر 泉孙
47 بلا نبرەلار بالا نەبرەلەر بالا نەۋرىلەر 子嗣

يۇقىرىقى جەدۋەلدىكى «ۋالىدە، ئەچە، كۈيۆ، كۆچى، كۈندەش، ئافا، ئىگەچى، ئوغۇل موغۇل، ئۇلۇغى، ياتنەبرە، ئۇدۇم نەبرە» قاتارلىق بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
ۋالىدە ــــ ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، «ئانا» دېگەن مەنىدە. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز كۆپ قوللىنىلغان. ھازىرمۇ مەتبۇئاتلىرىمىزدا، شۇنداقلا تارىخىي فىلىملەر تەرجىمىسىدە بۇ سۆز كۆپ قوللىنىلماقتا.
ئەچە ـــ بۇ سۆز «لۇغەت»تە «ئانا، ئاپا» مەنىسىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ھازىرقى تىلىمىزدا «ئاچا» دەپ قوللىنىلىپ، «ئېگىچە، ئاچا» مەنىسىنى بېرىدۇ، «دىۋان»دىمۇ بۇ سۆز «ئەچە» تەلەپپۇز قىلىنىپ، «ئاچا» مەنىسىنى بىلدۈرگەن.
كۈيۆ ـــ «ئايالغا نىسبەتەن ئېرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئاتالغۇ قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئاتالغۇ بولۇپ، ھازىر ئايرىم ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. «لۇغەت»تە كۆپ قوللىنىلغان، ھاياتىي كۈچى زور ئاتالغۇلارنىڭ بىرى. ھازىرمۇ قىسمەن ئىشلىتىلسىمۇ، ئاساسىي لۇغەت تەركىبىمىزدىن بارا- بارا يىراقلىشىۋاتىدۇ.
كۆچى ـــ «ئەرگە نىسبەتەن خوتۇنى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ىۇ ئاتالغۇمۇ «كۈيۆ» ئاتالغۇسىغا ئوخشاش.
كۈندەش ـــ «بىر ئەرنىڭ ئىككى خوتۇنىنىڭ بىر- بىرىنى ئاتىشى» دېگەن مەنىدىكى بۇ ئاتالغۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆپ خوتۇنلۇق دەۋردە كۆپ قوللىنىلغان سۆز بولسىمۇ، دەۋرنىڭ بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىستېمالدىن قالدى، لېكىن ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى، ئىدېيوملار ۋە جانلىق تىلدا مەلۇم نىسبەتتە قوللىنىلىدۇ.
ئافا ـــ « ئاچا، ھەدە» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز ھازىرقى تىلىمىزدا «ئاپا»غا ئۆزگىرىپ، «ئانا» مەنىسىنى بېرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن، قىسمەن دىيالېكت- شېۋىلىرىمىزدا يەنىلا «ئاچا، ھەدە» مەنىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ.
ئىگەچى ـــ «ئاچا، ھەدە» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز ئەينى ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىلسىمۇ، ھازىر قىسمەن دىيالېكت- شېۋىلىرىمىزدىلا ساقلىنىپ قالدى.
ئوغۇل موغۇل ـــ «لۇغەت»تە بۇ سۆز جۈپ سۆز ئورنىدا قوللىنىلىپ، «ئوغۇللار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى تىلىمىزدا بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «بالا- چاقا، بالا- ۋاقا» دېگەن ئومۇمىي نام قوللىنىلىدىغان بولدى.
ئۇلۇغى ـــ «چوڭى، تۇنجىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز «لۇغەت»تە ئايرىم كەلگەندىن باشقا، «بوۋا، موما، ئوغۇل، قىز» دېگەندەك ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىپ، ئىشلىتىش چاستوتىسى ئالاھىدە كېڭەيگەن.
ياتنەبرە ـــ «قىزنىڭ بالىسى» دېگەن مەنىدىكى بۇ سۆز «لۇغەت»تە «ئوغۇلنىڭ بالىسى» دېگەندىن پەرقلىق قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ سۆز ياسىلىش جەھەتتىن «ياتبابا ـــ ئانىسىنىڭ ئاتىسى؛ ياتماما ـــ ئانىسىنىڭ ئانىسى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش. ئەينى ۋاقىتتا ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئەجدادلىرىنى، ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ ئەۋلادلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتاشتا قوللىنىلغان. دېمەك 18- ئەسىردىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتىغان. ھازىرقى تىلىمىزدا بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ.
ئۇدۇم نەبرە ـــ «ناھايىتى يىراق نەۋرە- چەۋرىلەر، يىراق ئەۋلاد» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز ھازىرقى تىلىمىزدا ئانچە كۆپ قوللىنىلمايدۇ. لېكىن قارىشىمىزچە بۇمۇ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن ئىخچام ھەم قولاي ئاتالغۇ.

2› يىلتىز- قانداش ياكى يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى

№ چاغاتايچىسى ئوقۇلۇشى ھازىرقى ئاتىلىشى خەنزۇچىىسى
1 زات بابا زات بابا ئەجداد بوۋا 始祖
2 اولوغ بابا ئۇلۇغ بابا ئۇلۇغ بوۋا، دادىسىنىڭ بوۋىسى. 高祖
3 اولوغ ماما ئۇلۇغ ماما ئۇلۇغ موما، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئانىسى 高祖母
4 اوترانجى بابا ئوتتۇرانچى بابا ئوتتۇرانچى بوۋا 曾祖父
5 اوترانجى ماما ئوتتۇرانچى ماما ئوتتۇرانچى موما 曾祖母
6 راس بابا راس بابا راست (قانداش) بوۋا 亲祖
7 راس موما راس ماما قانداش موما 亲祖母
8 بابا بابا بوۋا، بوۋاي، ئەجداد 祖
9 ماما ماما موما 祖母
10 بابالار بابالار بوۋىلار، ئەجدادلار 泉祖
11 مامالار مامالار مومىلار 泉祖母
12 اغا اينى نينك بلالارى ئاغا- ئىنىنىڭ بالالارى ئاكا- ئۇكىلارنىڭ بالىلىرى، بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى، بىر نەۋرىلەر 弟兄从
13 اغا اينى نينڭ بلالارى ئاغا- ئىنىنىڭ بالالارى ئاكا- ئۇكىنىڭ بالىلىرى، بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى، بىر نەۋرىلەر، جىيەنلەر 儿 姪

14 ﻋمك زادە اغا اينى ئەمەكزادە ئاغا- ئىنى ئېمىلداش ئاكا- ئۇكا 弟兄从再
15 جماﻋتليك اغا اينى جەمەئتلىك ئاغا ئىنى جەمەتلىك ئاكا-ئۇكىلار، ئىككى نەۋرىلەر 族弟兄
16 جرليك اغا اينى چەرلىك ئاغا- ئىنى ئۈچ تۇغقاننىڭ بالىلىرى، بىر ئەۋرىلەر 弟兄从三

17 قرينداش نبرە اوغول قەرىنداش نەبرە ئوغۇل قېرىنداش نەۋرە ئوغۇل 堂姪
18 اغا اينى نينك بلالارى ئاغا- ئىنىنىڭ بالالارى ئاكا- ئۇكىنىڭ بالىلىرى 堂侄从

19 ايكجى سينكيل نينك اوغول ئىگىچى سىڭىلنىڭ ئوغۇل ئاچا- سىڭىلنىڭ ئوغۇللىرى 外甥
20 ييراق نبرە يىراق نەبرە يىراق نەۋرە 外孙
21 جونك جمكى لارى چوڭ چەمەكىلەرى چوڭ تاغىلار 泉伯父
22 جونك جمكى نينك كوجلارى چوڭ چەمەكىنىڭ كۆچىلەرى چوڭ تاغىلارنىڭ خوتۇنلىرى، چوڭ تاغاھاممىلار 泉伯母
23 كيجيك جمكى كىچىك چەمەكى كىچىك تاغا 叔父
24 جمكى چەمەكى تاغا 叔父
25 كيجيك جمكى لارى كىچىك چەمەكىلەرى كىچىك تاغىلار 泉叔父
27 جمكى لار چەمەكىلەر تاغىلار 泉叔父
28 خيش جمات خىش جەمەت ئۇرۇق- جەمەت 族
29 خيشت خىشت ئۇرۇق- تۇغقان 族
30 توققان تۇققان تۇغقان 同族
31 بردين تراغان بىردىن تاراغان بىر ئۇرۇق، بىر جەمەت 一支
32 جماعت لك جەمەئتلىك ئۇرۇق- جەمەتلىك 族党泉多

33 اوماغ ئوماغ فامىلە 姓
34 اوماغ ليق ئوماغلىق فامىلىلىك 姓氏
35 بر لقب ليك بىر لەقەبلىك بىر فامىلىلىك 同姓
36 توققان موقان تۇققان مۇقان ئۇرۇق- تۇغقان 亲
37 توققان ليق تۇققانلىق تۇغقانلىق 亲戚
38 قديم قى لار قەدىمقىلار قەدىمكىلەر، پېشىۋالار 长辈
39 بورناقى لار بۇرناقىلار بۇرۇنقىلار، پېشقەدەملەر 长辈
40 عمكى ممكى ئەمەكى مەمەكى كونىلار 长辈
41 يات بابا يات بابا بوۋا، چوڭ دادا (ئانىسىنىڭ ئاتىسى) 外祖父
42 يات ماما يات ماما موما، چوڭ ئاپا (ئانىسىنىڭ ئانىسى) 外祖母
43 تعا (تغا) تائا (تاغا) تاغا 舅舅
44 تعالار (تغالار) تائا (تاغالار) تاغىلار 泉舅舅
45 خالە خاللە چوڭ ھامما 大姨母
46 خالەلار خاللەلەر چوڭ ھاممىلار 诸大姨母
47 جونك جمكى چوڭ جەمەكى چوڭ تاغا (دادا تەرەپ) 伯父
48 عمە ئەممە ھامما، ھامماچا 姑
49 عمەلار ئەممەلەر ھاممىلار 泉姑
50 شيرم جيليك توققان شىرەمچىلىك تۇققان شىرەم تۇغقان، بىر نەۋرە تۇغقان 姑表亲
51 شيرم ليك شىرەملىك شىرەم، بىر نەۋرە 姑表
52 شيرم جيليك نبرە شىرەمچىلىك نەبرە شىرەم نەۋرە 姑舅两姨孙
53 شيرم جبلاشادۇ شىرەم جۈبلەشەدۇ شىرەم تۇغقانلارنىڭ قۇدىلىشىشى 姑表结亲

يۇقىرىقى جەدۋەلدىكى «زات بابا، ئۇلۇغ بابا، ئوتتۇرانچى بابا، راس بابا، ئەمەكزادە ئاغا، چەرلىك ئاغا- ئىنى، يىراق نەبرە، چەمەكى، ئوماغ، تۇققان مۇقان، ئەمەكى مەمەكى» قاتارلىق بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
زات بابا ــــ «ئەجداد بوۋا» مەنىسىدىكى بۇ سۆز «زات+بوۋا» شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، «زات» سۆزى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە مۇنداق ئىزاھلانغان: زات ـــ [ئە] 1. بىر ئۇرۇق- ئەجدادتىن تارالغان نەسىل، ئەۋلاد: ياخشىدىن زات قالىدۇ، ياماندىن داد (ماقال). 2. كېلىپ چىقىش: ئەسلىي زاتىڭنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما. 3. بىرە ئىش- ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم؛ شەخس: مەشھۇر زات. ئالىي زات. 4. جىنس: مەخلۇق بىرەھىم چۈشۈرۈپ پەرمان، ئەركەك زاتىنى قويمىدى ئامان. دېمەك، بۇ ئاتالغۇ ئەسلى تېگى- تەكتىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتا- بوۋىلارغا ئېنىقلىغۇچى بولۇپ، «ئەڭ دەسلەپكى بوۋا» دېگەن مەنىدە كەلگەن.
ئۇلۇغ بابا ـــ بۇ ئاتالغۇمۇ «ئۇلۇغ+بوۋا» شەكلىدە ياسالغان، «زات بوۋىنىڭ ئوغلى» ياكى «زات بوۋا» بىلەن «ئوتتۇرانچى بوۋا»نىڭ ئارىسىدىكى بوۋا بولۇپ، «بوۋىسىنىڭ چوڭ بوۋىسى» دېگەن مەنىدە كەلگەن.
ئوتتۇرانچى بابا ـــ بۇ ئاتالغۇمۇ «ئوتتۇرانچى+ بوۋا» شەكلىدە ياسالغان، «زات بوۋىنىڭ نەۋرىسى» ياكى «ئۇلۇغ بوۋىنىڭ بالىسى»، يەنى «مەن»گە نىسبەتەن «بوۋىسىنىڭ بوۋىسى»نى كۆرسەتكەن.
راس بابا ـــ بۇ ئاتالغۇ «راس+بوۋا» شەكلىدە ياسالغان، «ئوتتۇرانچى بوۋىنىڭ بالىسى»، «مەن»گە نسبەتەن «بوۋىسىنىڭ ئاتىسى» دېگەن مەنىدە كەلگەن. يۇقىرىقىلارنى رەت تەرتىپى بويىچە تىزساق، «مەن»دىن باشلاپ مۇنداق يەتتە ئەجداد ئاتالغۇ كېلىپ چىقىدۇ: مەن ← ئاتا ← بوۋا ← راست بوۋا ← ئوتتۇرانچى بوۋا ← ئۇلۇغ بوۋا ← زات بوۋا.
ئەمەكزادە ئاغا- ئىنى ـــ بۇ تىلىمىزدىكى «ئېمىلداش ئاكا- ئۇكا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «ئەمەك+زادە»، يەنى «ئەمچەك+بالا» («ئۇيغۇرچە+پارسچە») شەكلىدە ياسالغان.
چەرلىك ئاغا- ئىنى ـــ بۇلار «ئۈچ تۇغقاننىڭ بالىلىرى» ياكى «بىر ئەۋرىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «چەرلىك» سۆزى «دىۋان»دا مۇنداق ئىزاھلانغان: «چەرلەندى ـــ كېسەل بولدى، ئاغرىدى، ئېغىرلاشتى؛ چەرلەتتى ـــ بۇزدى، كاردىن چىقاردى، ئاغرىتتى، ئېغىرلاشتۇردى؛ چەرلىگ: كۆزى چەرلىگ ـــ كۆزى چارلاشقان ئادەم؛ چەرمەلدى ـــ چۆمەلدى، ئۆرۈلدى». دېمەك، بۇ ئاتالغۇ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىراقلاشقان مۇرەككەپ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
يىراق نەبرە ـــ «قىزىنىڭ بالىسى» دېگەن مەنىدىكى بۇ ئاتالغۇ «يىراق+نەۋرە» شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، خۇددى «يات نەۋرە»گە ئوخشاش «نەۋرە (ئوغلىنىڭ بالىسى)» بىلەن پەقلەندۈرۈلۈپ ئاتالغان.
چەمەكى ـــ «چەمەك» سۆزى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە مۇنداق ئىزاھلانغان: «① بىرەر نەرسىگە تىرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاچا ياغاچ؛ ئاچىماق. ② يىكنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، چاقنىڭ يىكدېنىغا بېكىتىلىدىغان كىچىك ئاچا ياغاچ». دېمەك «ئاتىسىنىڭ ئەر قېرىنداشلىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئاتالغۇ «ئاچا ياغاچ، ئاچىماق» مەنىلىرىدىكى «چەمەك» سۆزىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
اوماغ ـــ بۇ سۆز ئەينى ۋاقىتتا ھازىر تىلىمىزدا رۇس تىلى ياكى ئۇ ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن «فامىلە» سۆزىنىڭ تەڭدىشى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، تىلىمىزدا ھازىرمۇ قوللىنىشقا بولىدىغان ئاتالغۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. «چاغاتايچە- ئوسمانلىيچە لۇغەت»تە بۇ سۆز «نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرىغان سۆز» دەپ ئىزاھلانغان.
تۇققان مۇقان ـــ بۇ سۆز تىلىمىزدىكى «ئۇرۇق- تۇغقان» سۆزىنىڭ تەڭدىشى سۈپىتىدە ئەينى ۋاقىتتا جۈپ سۆز قىلىپ قوللىنىلغان.
ئەمەكى مەمەكى ـــ بۇ سۆزمۇ «قەدىمكىلەر، بۇرۇنقىلار، كونىلار، ئابا- ئەجدادلار» مەنىسىدىكى جۈپ سۆز بولۇپ، تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى قوللىنىشقا بولىدىغان ئاتالغۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۆز بەلكىم «بىر ئەمچەكتىن تارالغانلار» دېگەن مەنىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

3› قۇدا- باجىلىق مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدىغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى

№ چاغاتايچىسى ئوقۇلۇشى ھازىرقى ئاتىلىشى خەنزۇچىىسى
1 قين اتا قەيىن ئاتا قېيناتا (كېلىنگە نىسبەتەن) 公公
2 قين انا قەيىن ئانا قېينانا (كېلىنگە نىسبەتەن) 婆婆
3 قاين اتا قەيىن ئاتا قېيناتا (كۈيئوغۇلغا نىسبەتەن) 丈人
4 قاين انا قەيىن ئانا قېينانا (كۈيئوغۇلغا نىسبەتەن) 丈母
5 ﻣﻅلوم بجالار مەزلۇم بەچەلەر ئېپىيەڭگىلەر 妯娌
6 يانككا يەنكە يەڭگە 嫂
7 ينكەلار يەنكەلەر يەڭگىلەر 泉嫂
8 كلين كەلىن كېلىن 弟媳،媳妇
9 كلينلار كەلىنلەر كېلىنلەر 泉媳妇،泉弟媳
10 ساقلاغان كەلين ساقلاغان كەلىن ئاسراندى كېلىن 童养媳妇
11 اينى كەلين لار ئىنى كەلىنلەر ئىنى كېلىنلەر 姪妇
12 يزنە يەزنە يېزنە ئاتا، ھامماتاغا (ھاممىسىنىڭ ئېرى) 姑父
13 يزنەلار يەزنەلەر يېزنە ئاتىلار، ھامما تاغىلار 泉姑父
14 جونك جمى كوجى چوڭ چەمەكى كۆچى چوڭ تاغاھامما (تاغىسىنىڭ ئايالى) 伯母
15 جمكى نينك كوجى چەمەكىنىڭ كۆچى تاغامما (تاغىسىنىڭ ئايالى) 姨母
16 كيجيك جمكى نينك كوجى كىچىك چەمەكىنىڭ كۆچى كىچىك تاغاھامما (كىچىك تاغىسىنىڭ ئايالى) 姨母
17 كيجيك جمكى لار نينك كوجلارى كىچىك چەمەكىلەرنىڭ كۆچىلەرى كىچىك تاغاھامما (كىچىك تاغىلارنىڭ خوتۇنلىرى) 泉姨母
18 جمكى لار نينك كوجلارى جەمەكىلەرنىڭ كۆچىلەرى تاغاھاممىلار (تاغىلارنىڭ خوتۇنلىرى) 泉姨母
19 تعا (تغا)نينڭ كوجى تائا(تاغا)نىڭ كۆچى تاغىنىڭ خوتۇنى 舅母
20 تعا (تغا)نينڭ كوجلارى تائا(تاغا)نىڭ كۆچىلەرى تاغىلارنىڭ خوتۇنلىرى 泉舅母
21 قين اغاسى قېيىن ئاغاسى چوڭ تاغا 大伯
22 قين اغالار قېيىن ئاغالار چوڭ تاغىلار 泉大伯
23 قين اينى قېيىن ئىنى قېينىنى 小叔
24 قين اينىلار قېيىن ئىنىلەر قېيىنىنىلەر 泉小叔
25 اولوق اكا ئۇلۇق ئاكا چوڭ يېزنە ئاتا 大姨父
26 يزنە اتا يەزنە ئاتا يېزنە ئاتا 姨父
27 يزنە انا يەزنە ئانا يېزنە ئانا، ھامما 姨母
28 يزنە انالار يەزنە ئانالار يېزنە ئانىلار، ھاممىلار 泉姨母
29 يزنە يەزنە يېزنە 姐夫
30 يزنەلار يەزنەلەر يېزنىلەر 泉姐夫
31 بجا باجا باجا 连襟
32 سينكيل نينڭ كويوسى سىڭىلنىڭ كۈيۆسى سىڭىلنىڭ ئېرى 妹夫,小姨夫
33 سينكيل لار نينڭ كويوسى سىڭىللارنىڭ كۈيۆسى سىڭىللارنىڭ ئېرى 泉妹夫
34 قين ايكاجى قەيىن ئىگەچى قېيناچا 大姨,大姑
35 قين سينكيل قەيىن سىڭىل قېينىسىڭىل 小姑,小妗
36 ﻣﻅلۇم نينك سينكلى سى مەزلۇمنىڭ سىڭلىسى قېينىسىڭىل، خوتۇننىڭ سىڭلىسى 小姨
37 قين اغا قەين ئاغا قېيناغا، قېيناكا 妻兄
38 قين ايكاجى قەيىن ئىگىچە قېيناچا 妻嫂
39 قين اينى قەيىن ئىنى قېينىنى 妻弟
40 قين اينى نينك كوجى قەيىن ئىنىنىڭ كۆچى قېينىنىڭ خوتۇنى 妻弟嫂
41 كويو اوغول كۈيۆ ئوغۇل كۈيئوغۇل 女婿
42 قين اتاسى بقادۇر غان كويو اوغول قەيىن ئاتاسى باقادۇرغان كۈيۆ ئوغۇل قېيناتىسى باقىدىغان كۈيئوغۇل، ئىچكۈيئوغۇل 赘婿
43 كويو اوغول لار كۈيۆ ئوغۇللار كۈيئوغۇللار 泉女婿
44 ﻣﻅلۇم نينك اتاسى نينك جماعتى مەزلۇمنىڭ ئاتاسىنىڭ جەمەئتى قېيناتىسىنىڭ جەمەتى 娘家
45 اتا جماعتى يوروشادۇ اتا جەمەئتى يورۇشادۇ قېيناتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىش 娘家去
46 قودا قۇدا قۇدا 亲家
47 قودالار قۇدالار قۇدىلار 泉亲家
48 قودانينك توققانى قۇدانىڭ تۇققانى قۇدىنىڭ تۇغقانلىرى 姓亲戚异


يۇقىرىقى جەدۋەلدىكى «مەزلۇم بەچەلەر، ساقلاغان كەلىن، يەزنە، قېيىن ئاغاسى، ئۇلۇغ ئاكا، يەزنە ئانا، كۈيۆ ئوغۇل، قېيىن ئاتاسى باقادۇرغان كۈيۆ» قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەرنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
مەزلۇم بەچەلەر ـــ بۇ سۆز تىلىمىزدىكى «ئېپىيەڭگىلەر» دېگەن سۆزنىڭ تەڭدىشى بولۇپ، خۇددى ئاچا- سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى بىر- بىرىنى باجا دېيىشكىنىدەك، ئاكا- ئۇكىلارنىڭ ئاياللىرىمۇ بىر-بىرىنى «مەزلۇم باجا» دېيىشكەن.
ساقلاغان كەلىن ـــ بۇ سۆز تىلىمىزدىكى «ئاسراندى كېلىن» دېگەن ئاتالغۇنىڭ تەڭدىشى بولۇپ، مەنىنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە توغرا ئىپادىلەپ بەرگەن.
يەزنە ـــ بۇ يەردە بىر ئېنىقسىزلىق بار، يەنى «ھاممىسىنىڭ ئېرى» دېگەن سۆزنى «يەزنە» بىلەن ئىپادىلىگەن، ئەسلى «يېزنە ئاتا» بولسا مەنە تېخىمۇ ئېنىق بولغان بولاتتى. بۇ بەلكىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچىنىڭ سەۋەنلىكى بولسا كېرەك.
قېيىن ئاغاسى ـــ بۇ سۆزدىمۇ ئېنىقسىزلىق بار. بۇ ئەسلى «ئاتىسىنىڭ ئەر قېرىندىشى» دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، بىزدە «تاغا، كىچىك ئاتا، چوڭ ئاتا» دېگەن ۋارىيانتلىرى بار. بۇ سۆزنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەر بىلەن خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن شارائىتتا، «خوتۇنىنىڭ ئاكىسى» دېگەن مەنىدىكى «قېيىن ئاغا» بىلەن ئىپادىلەش تازا مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك.
ئۇلۇق ئاكا ـــ بۇ سۆزدىمۇ ئېنىقسىزلىق بار. «ھاممىسىنىڭ ئېرى» دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدىغان سۆزنى «ئەڭ چوڭ ئەر قېرىنداش» دېگەن مەنىدىكى «ئۇلۇق ئاكا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەشمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.
يەزنە ئانا ـــ بۇ سۆزدىمۇ ئېنىقسىزلىق بار. «ھامما، ھامماچا، چوڭ ئاپا» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئۇقۇمنى «يېزنە ئانا» بى؛ەن ئىپادىلەش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، مۇشۇ «ھامما»نىڭ ئېرى ئادەتتە «يېزنە ئاتا» دېيىلىدۇ، ئۇنداق بولغانىكەن، «يېزنە ئاتا»نىڭ ئايالىنىڭ «يېزنە ئانا» بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
كۈيۆ ئوغۇل ـــ بۇ سۆز «كۈيۆ+ئوغۇل» شەكلدە ياسالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇ. تىلىمىزدا بۇ سۆز ئىخچاملىنىپ، «كۈيئوغۇل» شەكلىگە كېلىپ، ئەسلى ئېتىمولوگىيەسىدىن قىسمەن يىراقلاشقان. «كۈيۆ ـــ ئايالغا ياكى قىزغا نىسبەتەن ئېرى»نى كۆرسىتىدىغان سۆز قىسقىراش نەتىجىسىدە «كۈي» بولۇپ قالسا، نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن، ئېتىمولوگىيەسىنى تاپماق قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ سۆزنى قېلىپلاشتۇرغاندا، ئامال بار ئەسلى شەكلى ۋە مەنىسى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىملا لۇغەتلىرىمىزدىمۇ «كۈيۆ ئوغۇل» شەكلىدە بىرىككەن سۆز قىلىپ قېلىپلاشتۇرغىنىمىز تۈزۈك.
قەيىن ئاتاسى باقادۇرغان كۈيۆ ـــ بۇ سۆزنىڭ قۇرۇمىسىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزنى ئىزاھلىق ئاتالغۇ دېيىش مۇمكىن. بۇنى ھەرگىزمۇ خاس ئاتالغۇ تەرىقىسىدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تىلىمىزدا بۇنىڭغا تەڭداش «ئىچ كۈيۆ ئوغۇل» دېگەن ئىخچام ئاتالغۇ بار.

4› ۋاسىتىلىك ياكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى
№ چاغاتايچىسى ئوقۇلۇشى ھازىرقى ئاتىلىشى خەنزۇچىىسى
1 اتاغا ئاتاغا ئېمىكئاتا، ئېمىكئانىنىڭ ئېرى 乳父
2 اينەكا ئىنەكا ئېمىكئانا 乳母
3 امجك اناسى ئەمچەك ئاناسى ئېمىكئانا، سۈت ئانىسى 乳母
4 سوت انا سۈت ئانا ئېمىكئانا، سۈت ئانا 奶母
5 اينەكا انا ئىنەكا ئانا ئېمىكئانا، سۈت ئانا 奶母
6 اناغا اتا ئاناغا ئاتا ئېمىكئاتا، سۈت ئاتا، سۈت ئانىسىنىڭ ئېرى 奶公
7 اوكە انا ئۆكە ئانا ئۆگەي ئانا 后母

8 اپراغان انا ئۇپراغان ئانا ئۆگەي ئانا 后母

9 كين كى انا كەيىنكى ئانا ئۆگەي ئانا 继母
10 ساقلاغان ئاتا ساقلاغان ئاتا باققان ئاتا 养父
11 ساقلاغان ئانا ساقلاغان ئانا باققان ئانا 养父

يۇقىرىقى جەدۋەلدىكى «ئاتاغا، ئاناغا ئاتا، ئۇپراغان ئانا، كەيىنكى ئانا، ساقلاغان ئاتا» قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەرنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
ئاتاغا ـــ بۇ سۆز قارىشىمىزچە «ئېمىكئانىنىڭ ئېرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە كېرەك. چۈنكى بۇرۇنقى دەۋرلەردە قول ئىلكىدە بار ھاللىق ئائىلىلەر بالىلىرىنىڭ ساغلام، قاۋۇل ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئانىسىدىن باشقا يەنە بىر «ئېمىكئانا» تەكلىپ قىلىدۇ، ئېمىكئانا بالىنى كىچىكىدىن بېقىش، ئېمىتىش ئىشلىرىنى قىىپلا قالماي، بەلكى خېلى چوڭ بولغىچە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشلارمۇ بولغاچقا، بالىغا نىسبەتەن ئانىغا ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى سانىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئېمىكئانىنىڭ ئېرىمۇ ھۆرمەتلىنىدۇ ۋە شۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن قان- قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىدە بولىدۇ. بۇ يەردە ئەرلەر ئېمىكئانا بولىدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
ئاناغا ئاتا ـــ بۇمۇ يۇقىرىدىكى سۆزگە ئوخشاش ئېمىكئانا ياكى سۈت ئانىسىنىڭ ئېرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇپراغان ئانا ـــ بۇ سۆز «ئۇپراغان+ئانا» شەكلىدە ياسالغان بىرىككەن سۆز بولۇپ، تىلىمىزدىكى «ئۆگەي ئانا»نىڭ تەڭدىشى قاتارىدا قوللىنىلغان. ئۆگەي ئانا قانچە كۆيۈنگەن بىلەن يەنىلا «ئۆگەي» ئاتاقتىن قۇتۇلالمىغاچقا، ئوبرازلىق قىلىپ «ئۇپراغان ئانا» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن.
كېيىنكى ئانا ـــ بۇ سۆزمۇ خەنزۇچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغاندەك قىلىدۇ. ئۇمۇ «ئۆگەي ئانا»نىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ساقلاغان ئاتا ـــ بۇ سۆز ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، بىرەر يېتىمچىنى ياكى قارىغۇچىسى يوق بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان كىشىلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان بولۇپ، تىلىمىزدىكى «باققان ئاتا» سۆزىنىڭ تەڭدىشى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
يۇقىرىدىكى سۆزلەملەرنى ئىستاتىستىكا قىلساق، ئائىلىۋى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت 47 سۆزلەم، يىلتىزداش- قانداش ياكى يېقىن بولغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت 53 سۆزلەم، قۇدا- باجىلىق ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت 48 سۆزلەم ۋە ۋاسىتىلىك ياكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت 11 سۆزلەم بار. بۇ ئاتالغۇ- سۆزلەملەر ئۇيغۇر تىلىدىكى شۇ ۋاقىتتا قوللىنىلغان بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېيەلمەيمىز ھەم بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت تەرىپىدىن ئورتاققوللىنىلغانمۇ دېيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ لۇغەت ئەسلىدە مانجۇچە- خەنزۇچە ئاساستا تۈزۈلگەن، ئۇندىن باشقا ئەينى ۋاقىتتا بۇ لۇغەتتىن ئاز- تولا پەرقلىنىدىغان 1673- يىلى تۈزۈلگەن ساپ مانجۇ تىلىدا تۈزۈلگەن مانجۇچە لۇغەت، 1710 ــ 1717- يىللىرى تۈزۈلگەن مانجۇچە- موڭغۇلچە لۇغەت، 1771- يىلى تۈزۈلگەن مانجۇچە- خەنزۇچە لۇغەت، 1779- يىلى تۈزۈلگەن ئۈچ تىللىق مانجۇچە لۇغەت (مانجۇچە- موڭغۇلچە- خەنزۇچە)،
1771 ـــ1795- يىللىرى ئارىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇشى ئېھتىمال دەپ قارىلىۋاتقان مانجۇچە- زاڭزۇچە- موڭغۇلچە- خەنزۇچە تۆت تىللىق لۇغەتلەردىنمۇ پايدىلىنىلغان، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرچىسى مانجۇچىسىدىكى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا بارلىق سۆزلەر كىرگۈزۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىشتىكى مۇددىئادىن قارىغاندا، بۇ لۇغەتلەر ئاساسلىقى مانجۇلارنىڭ باشقا مىللەت تىللىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان، تۈزۈلۈش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئاۋۋال مانجۇچە سۆزلەر يېزىلىپ، كېيىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا، بۇ يەردە تەرجىماننىڭ چۈشىنىش دائىرىسى، بۇ جەھەتتە بىلىدىغانلىرى، ئۇنى ئۇيغۇرچىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ئىملاسى قاتارلىقلارمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن «لۇغەت»تە ياكى باشقا ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرچىسىنى كىملەر ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ماتېرىيال يوق.
ئەينى ۋاقىتتا چيەنلۇڭ خان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقلىرىغا قىزىققان ۋە ئاز- تولا ئەمگەك سىڭدۈرگەن. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى چاغلاردا، ماڭا تەۋە چېگرا خەلقلىرىدىن ھەر يىلى ھوزۇرۇمغا كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تىللىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتمەيلا، ئۇلارنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ قالدىم. ھازىرغىچە بۇ تىللارنىڭ قائىدە- تەرتىپلىرىنىمۇ چالا قويماي بىلىۋالدىم (بۇ يەردە موڭغۇل تىلى كۆزدە تۇتۇلغان). مۇشۇ ئاساستا تاڭغۇت تىلىنى ئۆگەندىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، بۇ تىلدىمۇ سۆزلشەلەيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوش ۋاقىتلىرىمدا تىل ئۆگىنىش بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان بولدۇم، بۇ ھال باشقا خەلقلەر بىلەن مۇھەببەت ئورنىتىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «سارايدىن چىقىرىلىدىغان موڭغۇلچە ئەمىر- پەرمانلار شەخسەن ئۆزۈم تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ بەرگەندىن كېيىن تارقىتىلاتتى». چيەنلۇڭ خان شىنجاڭدىكى جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا بەزى پىكىرلەرنى ئېيتقان. لېكىن بەنچەن بۇددا تەلىماتىدىن دەرس بەرگەندە، ئۇنى تەرجىمان ئارقىلىق ئاڭلايدىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، زاڭزۇ تىلىنى ئانچە ياخشى بىلمىسە كېرەك. قىسقىسى، ئۇ مانجۇ، خەنزۇ ۋە موڭغۇل تىللىرىنى تولۇق بىلىدىكەن، زاڭزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى ئازراق بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمە خىزمىتى توغرىسىدا پات- پات پىكىر بېرىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
دېمەك، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ئەينى دەۋردە، چيەنلۇڭ خاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوردىدىكىلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن لۇغەت بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بەش خىل تىلدىكىسى بىرلا ۋاقىتتا تۈزۈلگەن ئەمەس، ئاساسلىقى مانجۇ تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى باشقا تىللارغا ئۆرۈپ بېرىشنى ئاساس قىلغان.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»كە كىرگۈزۈلگەن يۇقىرىدىكى ئاتالغۇ- سۆزلەملەر تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.
بىرىنچى، 18- ئەسىر ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالىدىن دېرەك بېرىدۇ. 18- ئەسىر ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بىرقەدەر يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقا، شۇ دەۋردىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تونۇشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئىككىنچى، ئىستېمالدىن قالغان بەزى سۆزلەم- ئاتالغۇلار (گەرچە بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى ئەرەب- پارسچىدىن كىرگەن بولسىمۇ) بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، ۋالىيدە ــــ ئانا (母)، ئۇپراغان ئانا ـــ ئۆگەي ئانا (母後)، ساقلاغان ئاتا ــــ باققان ئاتا (养父)، خاللە ـــــ چوڭ ھامما (大姨母)، يات بابا ــــ بوۋا، چوڭ دادا (外祖父)، يىراق نەبرە ــــ يىراق نەۋرە (外孙)، ئاناغا ــــ ئېمىكئانا، سۈت ئانا (乳母)، ئاتاغا ـــ ئېمىكئاتا، ئېمىكئانىنىڭ ئېرى (乳父)، ئوماغ ـــ فامىلە (姓)، ياتنەبرە ـــــ ياتنەۋرە (仍孙)، مەزلۇم بىچالەر ـــ ئېپىيەڭگىلەر (妯娌)، كۈيۆ ــــ ئەر، ئېرى (ئايالغا نىسبەتەن 夫)، كۆچى ــــ خوتۇن، خوتۇنى (ئەرگە نىسبەتەن 妻)، راس بابا ــــ قانداش بوۋا (亲祖)، ئۇدۇم نەۋرە (云孙)، ساقلاغان كەلىن ــــ ئاسراندى كېلىن (童养媳妇)، دېگەندەك.
ئۈچىنچى، سۆزلەملەر مانجۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغاچقا، بەزى سۆزلەرنىڭ دەل شۇ مەنىنى بىلدۈرۈشى ناتايىن. بۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى تەرجىمانلارنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشى، چۈشىنىش دەرىجىسى ياكى ھېسسىياتىمۇ ئارىلاشقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇلۇق ئاكا ـــ چوڭ يېزنە ئاتا (大姨父)، يەزنە ـــ ھامماتاغا (姑父)، قېيىن ئاغاسى ـــــ چوڭ تاغا (大伯) دېگەندەك.
تۆتىنچى، سۆزلەملەردە بىرلىك شەكلى بىلەن كۆپلۈك شەكلى ئايرىم بېرىلگەچكە، مانجۇچىدىكى نەچچە سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مەنىلەر ئۇيغۇرچىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىپ، لېكسىكا جەھەتتىن ئاتالغۇ بىلەن تەمىنلەش سۆزلەم سانىغا قارىغاندا كۆپ بولمىغان. مەسىلەن، ئىنەكا ــــ ئېمىكئانا (乳母)، ئەمچەك ئاناسى ــــ ئېمىكئانا، سۈت ئانىسى (乳母)، كەلىن ــــ كېلىن (弟媳)، كەلىنلەر ــــ كېلىنلەر (泉媳妇 泉弟媳)، جەمەكى ـــ تاغا (叔父)، تائا ــــ تاغا (舅舅) دېگەندەك.
ئۇيغۇرلاردىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى يالغۇز تارىخىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىنمۇ مەلۇم پەرققە ئىگە، يەنى تىلنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاشلا دىيالېكت پەرقىگە ئىگە. ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولسىمۇ، ئورتاق تىلدا بۇنى ئىپادىلەيدىغان نام- ئاتالغۇلار تېخى قېلىپلاشمىغان، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئۇنتۇلغان، يەرلىك دىيالېكت- شېۋىلەردىكى نۇرغۇن ئاتالغۇ- ناملار رايون دائىرىسىدىلا قوللىنىلىپ، كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇڭا بىزدە بۇنىڭغا ئائىت ئاتالغۇ قەھەتچىلىكى بىرقەدەر ئېغىر.
ئۇرۇق- تۇغقان جەمەتىنىڭ ئورگانىك باغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ لىنىيەسى قانچىكى ئۇزىراپ ۋە كېڭىيىپ، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك تۈس ئالسا، تۇغقانچىلىق كەيپىياتى شۇنچە سۇسلىشىپ، ئۆزئارا ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە بەزى تۇغقانلار ئاستا- ئاستا ئۇنتۇلۇپ، يات كىشىلەرگە ئايلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ غايىب بولسا، ھاياتتا ئۈزلۈكسىز تۈردە پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن يەنە يېڭى- يېڭى تۇغقانلار داۋاملىق پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، يېقىنقى ۋە ئۆتكەنكى ئەجدادلار ۋاقىت ھالقىغان ۋە ياتلىشىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان شارائىتتىمۇ، كىشىلەرگە ئورتاق بولغان ئەسلىدىكى يىلتىزداشلىق ئاساسىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ. ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇلار كونكرېت ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەشتەك لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەشتىن باشقا، يەنە كىشىلەرنىڭ تۇغقانداردارچىلىق ئوبيېكتىغا قارىتا بولغان پوزىتسىيە ۋە پىسخىك كەيپىياتىدىن ئىبارەت ھېس- تۇيغۇ ياكى تۈس مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
ھازىرغىچە، ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى رەتلەش، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمىگەچكە، تىلىمىزدىكى بۇنىڭغا دائىر ئاتالغۇ- سۆزلەملەر لۇغەتلەرگە كىگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دىيالېكت پەرقى بويىچە قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقاچقا، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، مەنسى ئېنىق، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدىغان بىر لايىھە تېخى تۇرغۇزۇلمىدى.
دىيالېكت- شېۋىلىرىمىزدە بۇنداق ئاتالغۇلار خېلى بولسىمۇ، لېكىن قوللىنىلىش چاستوتىسى، تارقىلىش دائىرىسى جەھەتتىن بىرقەدەر تار. مەسىلەن، «ئاتا» سۆزى تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا «ئاتا»، ئىلى، قەشقەر- ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا «دادا» شەكلىدە؛ «ئاچا» سۆزى ئىلى شېۋىسىدە «ھەدە»، تۇرپان شېۋىسىدە «ئايلا»، قەشقەر- ئاتۇش شېۋىسىدە «ئاچا~ئېگىچە» شەكلىدە؛ «ئاكىسىنىڭ ئايالى» ئىلى، تۇرپان شېۋىلىرىدە «يەڭگە» شەكلىدە، ئاتۇش شېۋىسىدە «خانئاچا» شەكلىدە؛ «دادىسىنىڭ دادىسى» ئىلى، تۇرپان شېۋىلىرىدە «بوۋا» شەكلىدە، خوتەن دىيالېكتى ۋە قەشقەر- ئاتۇش شېۋىسىدە «چوڭ دادا» شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. «ئاپا» سۆزى تۇرپان- قۇمۇل، ئىلى قاتارلىق جايلاردا «ئانا» مەنىسىدە؛ كېرىيە شېۋىسىدە «ئاچا» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئاكىسى ئىلى شېۋىسىدە «چوڭ دادا»، ئاكىسىنىڭ ئىنىسى بولسا، «كىچىك دادا» شەكلىدە قوللىنىلىدۇ، ئەدەبىي تىلدا ۋە باشقا شېۋە رايونلىرىدا ئاتا- ئانىنىڭ ئەر قېرىنداشلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تاغا» دېيىلىدۇ. قۇمۇل شېۋىسىدە «قۇدىغۇي» دېگەن سۆز «ئايال قۇدا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا «تاغىسىنىڭ ئايالى» «تاغاھامما» دېيىلسە، «ھاممىسىنىڭ ئېرى» «ھامماتاغا» دېيىلىدۇ.
دېمەك، بىزنىڭ يەرلىك دېئالېكت- شېۋىلىرىمىزدە، ئادەتتە قوللىنىۋاتقان جانلىق تىللىرىمىزدا قېزىشقا تېگىشلىك، ئورتاق تىلغا خىزمەت قىلالايدىغان، ئورتاق تىلدا تېخىچە ئىپادىسىنى تاپالمايۋاتقان ياكى ئىزاھلىق ئاتالغۇلار سۈپىتىدە كېلەڭسىز، قوپال قوللىنىلىۋاتقان ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكۈدەك نۇرغۇن ئاتالغۇلار بار. تىلشۇناسلىقتا ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتىكى پىرىنسىپ شۇكى، «ئاۋۋال قەدىمكى تىللارغا ۋە دىيالېكت- شېۋىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش، ئۇنىڭدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە سۆز- ئاتالغۇلارنى قېزىش، توپلاش؛ ئۇنىڭدىمۇ مۇۋاپىق سۆز- ئاتالغۇ بولمىسا قېرىنداش، تۇغقان تىللاردىن قوبۇل قىلىش». شۇڭا، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشتا ئاۋۋال توپلاش، قېزىش، ئاندىن مۇۋاپىقلىرىنى قوللىنىش؛ ئۆزىمىزنىڭ تىل قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ يېڭى سۆز ياساش؛ پەقەت بولمىغاندا باشقا قېرىنداش تىللاردىن قوبۇل قىلىش ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر.
ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى تىلىمىزدىكى ئاتالغۇ- سۆزلەملەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي بولۇش سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە قېلىپلاشتۇرۇلماسلىقى، ھەتتا «ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا» سۆزلىرىنىڭ قايسىلىرىنى قوللىنىپ، قايسىلىرىنى دىيالېكت تەرىقىسىدە قوشۇمچە قوللىنىش مەسىلىسى ھازىرغىچە تالاش- تارتىشتا تۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە. بىزدە يەتتە ئەجدادىنى قانداق ئاتاش، يەتتە ئەۋلادىنى قانداق ئاتاش تېخى بىرلىككە كەلمىگەچكە، ئەجداد- ئەۋلادلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان ئەھۋال ھېلىھەم مەۋجۇت.
ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئەسلى ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئاساستا ئاپتور تىلىدا ئورتاق ئەدەبىي تىلنى، پېرسۇناژ تىلىدا قىسمەن يەرلىك دىيالېكت- شېۋىلەر قوللىنىلسا بولىدۇ، دېيىلىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت. بىرى، ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىز ئەتراپلىق قېزىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەچكە، ئاپتور ئورتاق تىلدىن مۇۋاپىق ئاتالغۇ تاپالماي، ئۆز يېرىنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىنى قوللىنىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بەرھەق، بۇ ئاتالغۇلار قېلىپلاشتۇرۇلمىغانىكەن، ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. يەنە بىرى، مۇھەررىرلەرنىڭ خاھىشى بويىچە ئېلىنىدىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. يەنى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ئاتالغۇلارنى ناتونۇش ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىۋېتىش ئەھۋاللىرىمۇ بار. يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا كىنو- تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركەزلىرى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىلى، قاراماي، تۇرپان، يەكەن، كۇچا قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر- ناھىيەلەردە ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلدى ياكى كېڭەيدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردە شەخسلەر مەبلەغ سېلىپ، تېلېۋىزىيە (VCD) فىلىملىرىنى ئىشلەپ بازارغا سالدى. مەيلى تەرجىمە قىلىنغان ياكى ئۆزىمىز ئىشلىگەن فىلىملەر بولسۇن، بۇلاردا ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى تەرجىمان ياكى ئاپتورنىڭ، رېژىسسور ياكى مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ خاھىشى بويىچە ماڭىدۇ، چوڭراق نۇقتىدىن ئالغاندا قايسى يەردە ئىشلەنسە، شۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، كەڭ جامائەتچىلىكتە قايسىسى ئورتاق تىلغا تەئەللۇق، قايسىسى يەرلىك شېۋىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. ئالايلى، ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلغان فىلىملەردە «دادا، ئاپا، ھەدە» قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىشلىتىلسە، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلغان فىلىملەردە «دادا، ئانا، ئاچا» ئاتالغۇلىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئىلى، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا ئادەم ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئاكا، ئاچا (ھەدە)» ئاتالغۇلىرى قوشۇلسا، تەلەپپۇزدا بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئالدىنقى بوغۇمى ئاجىزلىشىپ ياكى قىسقىراپ كېتىدىغان ئەھۋال بار. مەسىلەن، «سەمەت+ئاكا= سەمىتىكا، ئارسلان+ئاكا= ئارسلانكا، ئاسىيە+ھەدە (ئاچا) = ئاسىيەدە (ئاسىيەچا) دېگەندەك. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال تۇرپان شېۋىسىدە ئاجىزلاشمايدۇ ياكى قىسقىراپ قالمايدۇ. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ مەتبۇئات، رادىيو- تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىمىزدىمۇ ئۆز ئەينى ئەكس ئېتىۋاتىدۇ. ئورتاق تىلىمىزدا بۇ خىل ھادىسىلەرنى تۈزەش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى توپلاش، رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇشتۇر. بۇنىڭدىن مەقسەت ھەرگىزمۇ يەرلىك شېۋىلەدىكى بۇنىڭغا ئائىت ئاتالغۇلارنى چىقىرىۋېتىش ئەمەس. پەقەت ئورتاق تىلنى تېخىمۇ بېيىتىپ، كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدا بىردەك تونۇش ھاسىل قىلىش.
ھازىرغىچە بىزدە تېخى ئۆزىنىڭ بوۋىسىدىن بۇرۇنقى ئەجدادىنى، نەۋرىدىن كېيىنكى ئەۋلادىنى قانداق ئاتاش تېخى بىرلىككە كەلگىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلىمىزدا ئاتا تەرەپ تۇغقانلار بىلەن ئانا تەرەپ تۇغقانلار، ئەر تەرەپ تۇغقانلار بىلەن ئايال تەرەپ تۇغقانلار پەرقلەندۈرۈلمەي ئاتىلىپ (ئادەتتە ئىزاھلاش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ) كېلىۋاتىدۇ. بۇغۇ ئانچە چوڭ ئىشمۇ ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىي ئەينى ۋاقىتتا «بالدىز»، «يۇرچ» سۆزلىرىنى ئىزاھلىغاندا مۇنداق دېگەن: «بالدىز ـــ قېيىنسىڭىل، خوتۇننىڭ سىڭلىسى. ئەرنىڭ سىڭلىسى ‹بالدىز› دېيىلمەي، ‹سىڭىل›دېيىلىدۇ» ، «يۇرچ ـــ خوتۇننىڭ ئىنىسى. يەنى ئەرنىڭ قېينىنىسى. ئەرنىڭ ئىنىسى بىلەن خوتۇننىڭ ئىنىسى پەقلەندۈرۈلىدۇ، خوتۇنغا نىسبەتەن، ئەرنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئۇكىسى ‹ئىنى› بولىدۇ. يېشى ئۆزىدىن چوڭ بولسا، ‹ئىچى› دېيىلىدۇ. ئەرنىڭ ئۆزىدىن كىچىك قىز قېرىندىشى ‹سىڭىل› دېيىلىدۇ. ئۆزىدىن چوڭ قىز قېرىندىشى ‹ئەگە› دېيىلىدۇ. ئەرگە نىسبەتەن خوتۇننىڭ ئۆزىدىن كىچىك قىز قېرىندىشى ‹بالدىز› بولىدۇ. ئۆزىدىن چوڭ قىز قېرىندىشى ‹ئەگە›دېيىلىدۇ» . گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئەر بىلەن ئايالنىڭ تۇغقانلىرى قىسمەن پەقلەندۈرۈپ ئېيتىلسىمۇ، ھازىر بىزدە بۇ پەرق يوقاپ، ھەممىسىلا ئوخشاش ئاتىلىدىغان بولدى. يەنە كېلىپ، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، قېيىن تۇغقانلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ئاسانلىقچە يۈز تۇرانە دېمەيدۇ. ھەرقانداق ئەر قېيىنئاچىسى ياكى قېيىنئىنىسىنى بىۋاسىتە «ئۇكا، ئاكا، سىڭىل، ئاچا» دېگەندەك تېخىمۇ يېقىنچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاتالمىلار بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولدى. چۈنكى «قاداش تەمىش قايمادۇق، قازىن تەمىش قايمىش ـــ قېرىنداش دېسە قارىمىغان، قۇدا دېسە قاراپتۇ» دېگەن ماقالغا ئوخشاش قۇدا- باجىلىق مۇناسىۋەت نازۇك، ئىنچىكە مۇناسىۋەت بولغاچقا، ھەممە ئادەم ئېھتىيات قىلىدىغان، ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمايدىغان بولدى. لېكىن ئوغۇللارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن قىزلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى پەقلەندۈرۈش زۆرۈر بولسا، ئوغۇللارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئادەتتە ئاتاۋاتقىنىمىزنى دەۋەرسەك، قىزلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»تىكى «يات» سۆزىنى ياكى «تاش» سۆزىنى قوشۇپ پەرقلەندۈرسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن ئادەتتە ئېغىز تىلىدا ياكى بىۋاسىتە ئاتىغاندا پەرقلەندۈرۈلمەي، باشقىلارغا چۈشەندۈرگەندە، شۇ بويىچە ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ياتنەۋرە∕تاشنەۋرە، ياتنەۋرە قىز∕تاشنەۋرە قىز، ياتئەۋرە∕تاشئەۋرە، ياتئەۋرە قىز∕تاشئەۋرە قىز، ياتپەينەۋرە∕تاش تاشپەينەۋرە، ياتپەينەۋرە قىز∕تاشپەينەۋرە قىز ...» دېگەندەك.
بىزدە ئەجدادلىق مۇناسىۋەت ۋە ئەۋلادلىق مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇلار تېخى بىرلىككە كېلىپ رەتلەنگىنى يوق. ئاتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن زامان ۋە ماكان پەرقى تۈپەيلىدىن بىرقانچە قاتلام ھاسىل قىلغۇچى كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلى ئەقدادلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەجداد مۇناسىۋىتىدە ئادەتتە يەتتە ئەجداد ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدىلا چەكلىنىدۇ، لېكىن مۇشۇ يەتتە ئەجداد ئاتا- بوۋىسىنى قانداق ئاتاشمۇ تېخى بىرلىككە كەلمىگەچكە، نەسەبنامە تۇرغۇزغانلارمۇ پالانچىنىڭ ئاتىسى پۇستانچى دېيىش ئارقىلىقلا نەسەبنامە تۇرغۇزۇلۇۋاتىدۇ. ئاتىدىن كېيىن داۋاملاشقان ۋە ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان بىرقانچە بوغۇنلار توپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلى ئەۋلادلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتىدە بەشىنچى ئەۋلاد كۈكۈنەۋرىگە قەدەر بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەجداد ئاتالمىلىرى ۋە ئەۋلاد ئاتالمىلىرى ھەققىدە تېخى تۈزۈك بىر ئاتالمىلار رەتلەنمىگەچكە، ئۇستازلار ۋە كەسىپداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىسىدا توپلىغان بەزى ئىلھامىي ئاتالغۇلارنى رەتلەپ، ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇپ باقماقچىمەن.

ئەجداد ئاتالمىلىرى ئەۋلاد ئاتالمىلىرى

ئاتىلار ئانىلار ئوغۇللار قىزلار

1. ئاتا ئانا 1. بالا قىز
2. بوۋا موما 2. نەۋرە نەۋرە قىز
3. ئۇلۇغ ئاتا ئۇلۇغ ئانا 3. ئەۋرە ئەۋرە قىز
4. ئۇلۇغ بوۋا ئۇلۇغ موما 4. چەۋرە چەۋرە قىز
5. ئوغۇش ئاتا ئوغۇش ئانا 5. پەينەۋرە پەينەۋرە قىز
6. ئوغۇش بوۋا ئوغۇش موما 6. پەيئەۋرە پەيئەۋرە قىز
7. كۆك ئاتا كۆك ئانا 7. پەيچەۋرە پەيچەۋرە قىز
8. كۆك بوۋا كۆك موما 8. كۈكۈننەۋرە كۈكۈننەۋرە قىز
9. تۈپ ئاتا تۈپ ئانا 9. كۈكۈنئەۋرە كۈكۈنئەۋرە
10. تۈپ بوۋا تۈپ موما 10. كۈكۈنچەۋرە كۈكۈنچەۋرە
11. تەگ ئاتا تەگ ئانا
12. تەگ بوۋا تەگ موما
«ئاتا، بوۋا، ئانا، موما» سۆزلىرى ئۇيغۇرغا ئورتاق سۆز، شۇڭا، ئۆزىمىزنىڭ ئاتا- ئانا، بوۋا- مومىمىزدىن باشقا، ، ئاتا- ئانىمىز، بوۋا- مومىمىز دېمەتلىك ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى «×× ئاتا»، «×× ئانا»، «×× بوۋا»، «×× موما» دېيىش ئادىتىمىز بار. بىز مۇشۇ ئىككى سۆزنى دەۋر قىلىپ، «ئوغۇش، كۆك، تۈپ، تەگ» قاتارلىق تېگىمىزنى، ئاتا- بابىلىرىمىزنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن قوشۇپ دېيىش ئارقىلىق، يەتتە ئەمەس 12- ئەجدادىمىزنىمۇ ئاتىيالايمىز.
ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي «ئوغۇش، كۆك، تۈپ، تەگىش» سۆزلىرىنى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە «ئوغۇش ـــ ئۇرۇق- جەمەت؛ ئوغۇشلاندى ـــ ئۆيلۈك- ئوچاقلىق، ئۇرۇق- جەمەتلىك بولدى؛ ئوغۇشلۇغ: ئوغۇشلۇغ ئەر ــــ ئۇرۇق- تۇغقانلىق، جەمەتلىك ئادەم» ، «كۆك ـــ ئەسل، تەكت. كۆكۈڭ كىم ـــ ئەسلىڭ كىم (يەنى سەن قايسى ئاتىدىن)، قايسى قەبىلىدىنسەن؟ ئوغۇزچە، قىپچاقچە؛ كۆكلەشتى ـــ تۇغقانچىلىق قىلىشتى. بۇلغارچە» ، «تۈپ ـــ تۈۋ، تەكت؛ تۈپگەردى ـــ تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتۈردى؛ تۈپلەدى ــــ تۈۋىنى سۈرۈشتۈردى، تەكتىنى ئىزدىدى» ، «تەگىش ـــ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى، تۈگىشى» («تەگ» سۆزى تىلىمىزدا «ئاست، تەكت» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئىزاھلىغان. بىزدە «بالا»دىن باشقا، «نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە، پەينەۋرە، كۈكۈننەۋرە» قاتارلىق ئاتالغۇ ئاساسلىرىمىز بار. بۇلاردىن ئالدىنقى ئۈچىنى يەككە سۆز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ، كېيىنكى ئىككىسىدىكى «پەي، كۈكۈن» سۆزلىرىنىڭ «نەۋرە» سۆزىگە قوشۇلۇپ، يېڭى سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، پەينەۋرە، پەيئەۋرە، پەيچەۋرە، كۈكۈننەۋرە، كۈكۈنئەۋرە، كۈكۈنچەۋرە» دېگەندەك دەۋرىيلەشتۈرسەك، ئەۋلاد ئاتالغۇمىزدىمۇ 10 ئەۋلادىمىزغىچە ئاتالغۇ مەنبەسى ھەل بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئاتالغۇ ياسىساق، بىرىنچىدىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەسلى- نەسلىنى، تەگ- يىلتىزىنى ئىپادىلەش سۆزلىرىگە ۋارىسلىق قىلىمىز؛ ئىككىنچىدىن، يوقالغان بەزى سۆزلەرنى دەۋر قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ يىراق ئاتا- بابىلىرىمىزنى ئاتاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، ئەۋلادلارنىڭ رەت- تەرتىپىنى قېلىپقا سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئاتاشتىن ساقلىنىمىز؛ تۆتىنچىدىن، سۆز ئىشلىتىشتىكى ئىمكانىيەت، سىجىللىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنى ھەل قىلىمىز.
ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى. چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. بىز ئەدەبىي تىلىمىزدا بۇنداق ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ئاتالغۇلارنى ئەۋلاد تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئەۋلادلار قەلبىدە ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مېھرى- مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئائىلە ئىناقلىقى، ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئىناقلىقى بولمىغان ئەلدىن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى كۈتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئىناقلىقىنى تۇرغۇزۇشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارا باردى- كەلدى بارغانسېرى سۇسلىشىۋاتىدۇ، شەھەرلەردە، قوش تىللىق تەربىيەدە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بالىلاردا ئۇرۇق- تۇغقانلارنى تونۇش دەرىجىسى چولپانلارنى تونۇش دەرىجىسىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. باشقا قىتئەدىكى چولپانلارنىڭ نەسەبىنى بىلىدىغان بالىلىرىمىز ئۆزىنىڭ يەتتە ئەۋلادىنى ئەمەس، ئۈچ ئەۋلادىنى تولۇق تونۇيالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭچە بۇنى بالىلار تەربىيەسىگە ئېلىپ كىرىش بالىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئەجدادىنى، قان- قېرىنداشلىرىنى تونۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنى بالىلار تەربىيەسىگە ئېلىپ كىرىشتە، مۇنداق ئىككى نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ قارايمەن. بىرى، بالىلارغا تىلى چىقىشى بىلەنلا ئۆز ئۇرۇق- جەمەتىنى تونۇشقا مۇناسىۋەتلىك بالىلار قوشاقلىرىنى، ئۆسمۈرلەرگە خاس قوشاق- شېئىرلارنى ئىجاد قىلىش كېرەك. ئىلگىرى خەنزۇلاردا مۇنداق بىر مەزمۇندىكى قوشاقنى كۆرگىنىم ئېسىمدە:
«دادا» دېگەن «ئاتام»دۇر،
«ئاپا» دېگەن «ئانام»دۇر.
«ھەدەم- ئايلام- ئىگىچەم»، «ئاغام»
ئەسلى «ئاچام»، «ئاكام»دۇر.
قېرىندىشىم تۇغۇلسا،
«سىڭلىم»، «ئىنىم- ئۇكام»دۇر.
مانا مۇشۇنداق ئاتا- ئانا، قېرىنداشلىرىنى، بوۋا- مومىلىرىنى، تاغا- ھاممىلىرىنى، يېزنە- يەڭگىلىرىنى، جىيەن- بالدىزلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان مەزمۇندىكى قوشاقلارنى تېخىمۇ قىزىقارلىق، بالىلار تېز ئەستە ساقلىيالايدىغان شەكىلدە ئىجاد قىلىپ، ھەتتا قىزىقارلىق رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ بالىلارنىڭ ھوجرىلىرىغا ئېسىپ قويساق، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياش ئاتا- ئانىلار يېتەكچى بولۇشى، ئۇرۇق- جەمەتىنىڭ نەسەبىنى، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا، تولۇق، ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈشى كېرەك. يەنە بىرى، ئۆسمۈرلەرگە دائىر شېئىر- قوشاقلارنى مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ئىجاد قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نادىرلىرىنى دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مەكتەپ يېشىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ئۇرۇق- جەمەت ئاتالغۇلىرى بىلىملىرىنى تېخىمۇ بېيىتىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەربىيەنى كۈچەيتسەك، شەھەر يۇتۇپ كېتىۋاتقان، تەبىئەتتىن بارغانسېرى يىراقلاپ، ئېغىر سومكىلىرىنىڭ، سالمىقى ئېغىرلاۋاتقان تاپشۇرۇقلارنىڭ دەستىدىن ئۇرۇق- تۇغقانلاردىن بارغانسېرى ياتلىشىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مېھرىنى ئويغىتالايمىز دەپ قارايمەن.
دېمەك، يۇقىرىقىلار مېنىڭ «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»تىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ئىلھامىدا ھېس قىلغانلىرىم. ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى قېزىش، رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش تەخىرسىز بىر ئىش. شۇڭا بارلىق تىلشۇناسلار ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆپرەك باش قاتۇرۇشىنى، بۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر